تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار دۇ گاڭ، گۇ يۈ): 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەر سائەت 00: 4تە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى تەڭشەش-كونترول قىلىش مەركىزى چوڭ زالىنىڭ چىراغلىرى يېنىقلىق تۇراتتى، خىزمەتچى خادىملار پۈتۈن زېھنى بىلەن ئېكرانغا قاراپ تۇراتتى، ئېكراندا ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈش ئەمەلىي ئەھۋالى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ يەر ئۈرۈمچىدىكى توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ «چوڭ مېڭە»سى ۋە يادرو قىسمى ئىدى.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلمىي تەشكىللەش ئاساسىدا، 15 مىڭ توك بىلەن تەمىنلەش خادىمى، 1000دىن ئارتۇق جىددىي رېمونت قىلىش ئاپتوموبىلى 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ، توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى، تىرانسفورموتور ئىستانسىسى، تەڭشەش-ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سورۇنلار، ھالقىلىق خادىملار يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلۇپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغان.

  شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىمۇ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىدا، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى، ھازىرغا قەدەر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تاماملانغان قۇدۇقتىن 578ى، يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن قۇدۇقتىن 342سى بار بولۇپ، زاپاس مىقدارىنى مەھسۇلات مىقدارىغا ئايلاندۇرۇش تېزلىتىلدى.

  شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىركەت بۇ يىل جەمئىي 8 مىليون 100 مىڭ توننىدىن ئارتۇق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن 400 مىڭ توننا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق نېفىت، تەبىئىي گاز ھوسۇلىدا «قوش ھالقىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

  مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى نۇقتىلىق قۇدۇقلاردىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتقان، نۆۋەتتە خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىدا يىللىق پىلاننىڭ %60.7ى ئورۇندالغان، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىدا يىللىق پىلاننىڭ %58.4ى ئورۇندالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ