تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئاغرىقلار رايونىدىكى يۇقۇمغا قارشى جەڭ خاتىرىسى | سىلەر ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن قۇتقۇزۇپ داۋالىدىڭلار، بىز سىلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى كۆكرەك تاشقى كېسەللەر مەركىزى 1-ئاغرىقلار رايونىنىڭ سېسترالار باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا سەييارە داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى چېن لىجۈن

  ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 24-كۈنى

  ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر بۆلۈمى

چېن لىجۈن

  ئۈرۈمچىدە بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، كەڭ دوختۇر-سېسترالار چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»گە ئاتلاندى. بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر-سېسترالارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا يەتتە دوختۇر-سېسترانى ئاجرىتىپ يۆتكەپ، بىر سەييارە داۋالاش ئەترىتى تەشكىللىدى، مەنمۇ ئەترەتنىڭ بىر ئەزاسى بولدۇم، ھەر كۈنى، بىز تېلېفون قوبۇل قىلغاندا، جۇشقۇنلۇق بىلەن ئەھۋال سورايتتۇق:«ياخشىمۇسىز! بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ سەييارە داۋالاش ئەترىتى، سىزگە مۇلازىمەت قىلغىنىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز!» ئاندىن، دوختۇر-سېسترالارنىڭ تەلىپىنى تەپسىلىي خاتىرىلەيمىز. ئەترەت باشلىقى گاۋ خۇي ۋە مۇدىر خالمۇرات ئەمرۇللا تەپسىلىي ئەھۋالنى دەرھال ئىگىلىگەندىن كېيىن، نەق مەيدانغا بېرىپ سەييارە دىياگنوز قويۇش-قويماسلىققا ھۆكۈم چىقىرىپ، داۋالاش كاپالىتىنى يولغا قويىدۇ.

  ئالدىنقى ئىككى كۈندە، سېسترا لىن دەنگە كېچىدە سوغۇق تېگىپ قېلىپ، ئاشقازان-ئۈچىيىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇپ كەتتى، سەييارە ئەترەتنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى مۇيەسسەر پەرھات تېلېفوننى ئېلىپ دەرھال ئەترەت باشلىقىغا خەۋەر قىلدى. بىز كېچىلەپ دوختۇرخانىنىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى ئالاقىلىشىپ، تۇرۇۋاتقان جايدىن لىن دەننى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇق ھەم ئىزچىل ئۇنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلىش، دورا ئېلىش، كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇشقا ياردەملەشتۇق. تاڭ ئاتقاندا ئاندىن ئۇنىڭ ئاخىر خاتىرجەم ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، بىزمۇ يەڭگىللەپ قالدۇق.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ سەييارە داۋالاش ئەترىتى.

  بۇ مەزگىلدە، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولغان مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى زېڭ پىڭخۇا بىزنى باشلاپ، ھەر كۈنى بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر-سېسترالارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، مىجەزى يوقلارنى ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە كەسپىي پىسخىكا دوختۇرلىرىنى بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر-سېسترالارنى پىسخىكىلىق ئارىلىشىش ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەشكە ماسلاشتۇردى. پەقەت بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر-سېسترالارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئۇلار تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق، ئۇرغۇپ تۇرغان زېھنىي كۈچ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىدۇ. مەن بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر-سېسترالارغا شۇنداق دېمەكچى: سىلەر ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن قۇتقۇزۇپ داۋالاڭلار، بىز سىلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز!

  تىيانشان تورى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن رەتلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى