تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ھاۋا ئوچۇق، كەيپىياتمۇ ياخشى، شەھەر ئاھالىلىرى خەلق مەيدانىدا خۇشال تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ياڭ گۇاڭ، لۈ يىخەن خەۋىرى. فوتوسى): 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 14:00لەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق مەيدانى ئەتراپىدا، شەھەر ئاھالىلىرى سەيلە قىلىپ، ئارام ئېلىپ، كۆڭۈل ئېچىش بىلەن ئالدىراش بولدى. كىچىك دوستلار ۋېلىسىپتلىرىنى مىنىشىپ، چاقلىق كانكىلارنى ئويناپ، خۇشال كەيپىياتقا چۆمدى. چوڭلار چوڭ قەدەملەرنى تاشلاپ ماڭغاچ بىر تەرەپتىن كۆپكۆك ئاسماندىن ھۇزۇر ئېلىپ، يان تېلېفونلىرى بىلەن ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن خاتىرە قالدۇردى.

   8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونىنىڭ يۇقۇم خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى خەۋپ-خەتەردىن تۆۋەن خەۋپ-خەتەرگە تەڭشەلدى؛ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، شىمىگۇ رايونىنىڭ يۇقۇم خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇراھال خەۋپ-خەتەردىن تۆۋەن خەۋپ-خەتەرگە تەڭشەلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى يۇقۇم خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن رايونغا ئايلاندى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا، كىشىلەرمۇ ئىلگىرىكى خىزمەت، تۇرمۇشىنى باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى