تىيانشان تورى خەۋىرى:
قايتا قوزغىتىلدى
يەنىلا شۇ تونۇش ئۈرۈمچى
8-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن
ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم كۆرۈلمىگەن ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنىڭ
پائالىيەت دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى
كىنىشكا ئارقىلىق ئولتۇراق رايوندىن چىقىپ پائالىيەت قىلسا بولىدۇ
كىنىشكا ئارقىلىق ئاپتوموبىل ھەيدەپ مۇناسىپ رايونلاردا يۈرسە بولىدۇ
ياكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسىغا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقسا بولىدۇ
ئۈرۈمچى شەھىرى
ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى تەدرىجىي تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە.
قاتناش، يول يۈرۈش تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلدى
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېيجىڭ شىمالىي يولىدا، شەھەر ئاھالىلىرى شەخسىي ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ سىرتقا چىقتى
ئولتۇراق رايوندىن چىقسا بولىدىغان بولدى.
يەنىلا ئاشۇ تونۇش كوچىلار
سىرتقا مال سېتىۋالغىلى چىققان ئانا-بالا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جۇڭشەن يولىدا كېتىۋاتماقتا.
شەھەر ئاھالىلىرى ئولتۇراق رايوندا تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن
ماسكا تاقاپ
پىيادە ياكى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئولتۇراق رايوندىن كىرىپ-چىقتى.
ئۈرۈمچى شەھىرى چىداۋان تەۋەلىك رايونىدىكى خېجىن مەھەللىسىدە، شەھەر ئاھالىلىرى تاكسىغا ئولتۇرماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېيجىڭ شىمالىي يولىدىن بىر ئاپتوبۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. 8-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ شىمالىي يولىدا بىر ئاتا-ئانا بالىسىنى ئېلىپ سىرتقا چىقتى.
قىسمەن كوچا بويىدىكى دۇكانلار ئېچىلدى
ئۇلار يەنە تونۇش ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلىپ
ئىنتايىن خۇشال بولدى.
8-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ياشلار يولى شەرقىي مەھەللىسى يوۋشى مېيدى ئولتۇراق رايونىنىڭ كوچا بويىدىكى بىر يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى ئېچىلدى، بىر دۇكاندار ئۈستەلدىكى نەرسىلەرنى سۈرتۈۋاتاتتى.
«چىۋەر بالىلار» مەززىلىك تائاملار تېز تاماقخانىسىنىڭ دىرېكتورى بورھان ھاكىم ئىشىك ئالدىدىكى سېلىنچىغا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چاچماقتا.
نۆۋەتتە
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كوچا بويىدىكى دۇكانلاردا تىجارەت باشلاندى
ئاساسلىقى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تۈرىدىكى ۋە مۇلازىمەت تۈرىدىكى دۇكانلار
تاللا بازىرى، قولايلىق ماگىزىن، مېۋە دۇكىنى، ساتىراشخانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
8-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتە، بىر ساتىراشخانىدا ساتىراش خېرىدارنىڭ چېچىنى بوياۋاتاتتى.
ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ شىمالىي يولىدىكى بېيجىڭ شەھەرچىسى گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدىكى ساتىراشخانا تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ساتىراش ئاھالىلەرنىڭ چېچىنى ياسىماقتا.
يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسى قاتتىق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ
تۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشدا لاياقەتلىك بولسا، ئاندىن تىجارەت قىلسا بولىدۇ
تاماق بىلەن تەمىنلىگىلى بولمايدۇ
پەقەت ئوراپ-قاچىلاپ سىرتقا يەتكۈزگىلى بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى چىداۋان تەۋەلىك رايونى خېجىن مەھەللىسى خۇڭگۇاڭ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى بىر دۇكان خوجايىنى دۇكاندا جياۋماجى ماتېرىياللىرىنى تەييارلاپ، خېرىدارلارنى كۈتۈۋالماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرى كۆرگەزمە مەركىزى ئوتتۇرا يولىدا، بىر خەنباۋ دۇكىنى تىجارەت باشلىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى چىداۋان تەۋەلىك رايونى خېجىن مەھەللىسى خۇڭگۇاڭ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى بەش خىل مېتال دۇكىنى تىجارەت باشلىدى
ئاھالىلەر تۇرمۇشتىن خۇشال-خۇرام بەھرىمەن بولدى
8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 14:00تە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق مەيدانى ئەتراپىدا، بىر بالا چاقلىق كانكى ئوينىماقتا.
ھاۋا ئوچۇق، كەيپىيات تېخىمۇ ياخشى
يەنىلا شۇ تونۇش باغچا
بىللە ئايلىنىپ كېلەيلى.
8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 14:00تە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق مەيدانى ئەتراپىدا، شەھەر ئاھالىلىرى سەيلە قىلماقتا.
شەھەر ئاھالىلىرى سەيلە قىلىپ، ئارام ئېلىپ، كۆڭۈل ئېچىپ
تۇرمۇشتىن خۇشال بەھرىمەن بولدى.
8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 14:00تە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق مەيدانى ئەتراپىدا
بالىلار ۋېلىسىپىت مىنىپ، چاقلىق كانكى تېيىلىپ
ياخشى كەيپىياتتا ئوينىماقتا.
8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 14:00تە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق مەيدانى ئەتراپىدا، بالىلار چاقلىق كانكى ئوينىماقتا.
چوڭلار سالماق قەدەم بىلەن ماڭغاچ
كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلاردىن ھۇزۇرلانماقتا
ياكى يان تېلېفونى ئارقىلىق ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرنى خاتىرىلىمەكتە.
8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 14:00تە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق مەيدانى ئەتراپىدا، شەھەر ئاھالىلىرى يان تېلېفونى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى مەنزىرىلەرنى خاتىرىلىمەكتە.
ئۈرۈمچىدە
ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە قايتا قوزغىتىلدى
كىشىلەرمۇ ئىلگىرىكى خىزمەت، تۇرمۇشىنى باشلىدى.
نېمىدىگەن ياخشى!