تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندايمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەرگەنلىكى ھەم تەلىم سۆزى قىلغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندايمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

«تەلىم سۆزىنىڭ روھى خەلق ساقچىلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولىمىز.» يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقى بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ساقچى بايرىقىنى يېتەكچى، تەلىم سۆزىنى بۇيرۇق بىلىپ، تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى قان تومۇرىمىزغا سىڭدۈرۈپ، روھىمىزغا مەھكەم ئورنىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندايمىز.

8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتىيە كومىتېتى ئەدلىيە نازارىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق سىستېمىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، كەڭ كادىر ساقچىلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىم سۆزىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئەدلىيە مەمۇرىيىتى سىستېمىسى تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. باش پونكىت پارتىيە كومىتېتى مۇنداق بىلدۈردى: تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە پورت، چېگرانىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش نىشانىنى باشتىن - ئاخىر تۇتقا قىلىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت دەرۋازىسى بولغان پورت ۋە چېگرا تەۋەلىك رايونىنىڭ باشتىن - ئاخىر بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

باش شۇجىنىڭ تەلىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى. ماناس ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەدلىيە ساقچىسى چوڭ ئەترىتىنىڭ كادىر ساقچىسى بەختىيار ھەسەن مۇنداق دېدى: ئەدلىيە ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەلىپىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلق مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىش ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى لاياقەتلىك قانۇن ساقچىسى بولىمەن.

«شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەم خەلق ئوقۇتقۇچىسى، ھەم خەلق ساقچىسى، بىز تەلىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، <ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ساقچى تەربىيەلەش، روھ تاۋلاش>تەك ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنى خاتىرجەم قىلىدىغان خەلق ساقچىلىرى زاپاس پولات قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز» دېدى شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنى ئىلمىي باشقارمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ چيۇلىن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى سۇڭ گوچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بورتالا ئوبلاستىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى باش شۇجىنىڭ تەلىم سۆزىنى بۇيرۇق بىلىپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ساقچى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، تىرىشىپ پۇقرالارنىڭ سىردىشى بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدۇ.

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى فېڭچياۋچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى − ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى خۇڭمياۋزى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى جاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش بىلەن ئىللىق مۇلازىمەت قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ساقچى بەلگىسىنى جۇلالاندۇرۇپ، ساقچى بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈرىمەن!

«جەنۇبىي شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان، كۈرەش قىلىۋاتقان ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز قۇملۇقنىڭ چېتىدە، توغراقلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە پارتىيە بايرىقى، ساقچى بايرىقىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ سىردىشى ۋە قوغدىغۇچىسى بولىمىز» دېدى ئاۋات ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يۇقىرى ئېقىن سۇ ئامبىرى ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئېزىزجان ئىمامنىياز.

قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسىنىڭ يېتەكچىسى تاۋ يۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: بايراقنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ساقچىخانا خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، «زىددىيەتنى يۇقىرىغا ئىتتىرمەسلىك، ئامانلىقتىن چاتاق چىقماسلىق، مۇلازىمەت كەم بولماسلىق»نىڭ يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، تەۋەلىك رايوندا «دېلو ئاز يۈزبېرىش، تەرتىپ ياخشى بولۇش، ئامما رازى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى