تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى تەرەققىيات رايونلىرىدىكى كارخانىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شېنخۇا شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، دانە - دانە گۈرۈچ چوڭلۇقىدىكى پولىپىروپىلېن S2040 مەھسۇلاتى ئوراپ قاچىلىنىۋاتاتتى.

«بۇ خىل مەھسۇلاتنى توقۇلمىسىز رەخت ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى، ئوپېراتسىيە كىيىمى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ. بۇ قېتىم 3000 توننا ئىشلەپچىقاردۇق، بۇ، شىركىتىمىز بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەپچىقارغان ئەڭ يېڭى مەھسۇلات، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى خام ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى شىركەت سۈپەت تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى گو ۋېي.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەققىيات رايونلىرىدىكى كارخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پائال ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈر تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى ياخشى تۇتتى.

8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ گوتەي شىنخۇا كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى ئورگانىك كەسىپ بۆلۈمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. سېخ مۇدىرى چېن خۇڭبېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە، ئورگانىك كەسىپ بۆلۈمى تەخمىنەن 140 مىڭ توننا 4،1 - بۇتانېدىئول ئىشلەپچىقاردى، بۇ يىل گۇرۇھنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىنى تاماملاشتا مەسىلە يوق».

8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، كورلا بىڭجۈەن كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەرقايسى ئاقما لىنىيەلىرىدىكى ئىشچىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ زاكاز مالنى تەييارلاۋاتاتتى. بۇ يىل 9 - ئايدا، 80 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى بۇ كىيىم - كېچەكلەر سېتىۋالغۇچى ئورۇنغا تاپشۇرۇلىدۇ. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ شياڭخۇڭ مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىز تەرەققىيات رايونىدىكى توقۇمىچىلىق ساھەسى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتتى، بۇ يىل مەھسۇلات قىممىتىمىز 170 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.» ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، بىڭجۈەن كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتى يىل ئاخىرىدا يېڭى زاۋۇت بىناسىغا كۆچىدۇ، 1500 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ، يېڭى زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 500 مىليون يۈەن ئەتراپىغا، پايدا بېجىنى 15 مىليون يۈەن ئەتراپىغا يەتكۈزەلەيدۇ. تەرەققىيات رايونى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ چىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل تەرەققىيات رايونى كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پائال تۈرتكە بولدى، پۈتۈن يىلدا مالىيەدىن تەخمىنەن 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئۆسۈم ياردىمى مەبلىغى ئاجرىتىلىپ، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا «قان بېرىلىدۇ، ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىدۇ».

بۇ يىل كۈيتۈن − مايتاغ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتتى، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇردى، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. شىنجاڭ شىڭدا ۋېييې كۆپۈك سولياۋ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىدە، كۆپۈشچان پولىستىرېن سىمولا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئايلىنىشى نورمال بولۇپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 200 توننىغا يەتتى. كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئازايمىدى، ئۈنۈمى تەدرىجىي ئېشىپ قايتا تۆۋەنلىمىدى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لى يې مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، 2 - قارارلىق قۇرۇلۇش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، 9 - ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاش پىلانلاندى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى