تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشتا يوچۇقسىز يېشىل يولنى تۇتاشتۇرۇشنى يولغا قويدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇن روزى، زۇلپىيە فوتوسى ۋە خەۋىرى): 8-ئايدا شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرى خۇش پۇراق چاچتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تۇتاشتۇرۇش يوللىرىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

يېقىندا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى ئازغان كەنتىدىكى ئەنجۈر 2-قېتىملىق ھوسۇل يىغىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئازغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى باغۋەنلەرنىڭ سېتىش يولى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)، ھەر قايسى يېزا (بازار) لارنى دېھقانلار ساتالمىغان مېۋە-چېۋىلەرنى ئستاتىستىكا قىلىپ، سېتىش سۇپىسى ئورنىتىشقا پائال تەشكىللىمەكتە، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل