تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەلىم سۆزنىڭ روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەرگەنلىكى ھەم تەلىم سۆزى قىلغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

«باش شۇجىنىڭ تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ تەلىم سۆزىنىڭ تەلىپىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شەرەپلىك بايراقنى قەتئىي ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن جان - دىل بىلەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇندايمىز.»

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بەرگەنلىكى ھەم تەلىم سۆزى قىلغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بايراق بەردى ھەم تەلىم سۆزى قىلدى، بۇنىڭغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بولغان زور كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، سەمىمىي ئۈمىدى ۋە ئىنتايىن مۇھىم تاپشۇرۇقى سىڭگەن، بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق، چەكسىز روھلاندۇق.

8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا بايراق بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى تېز يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش ئومۇمىي تەلىپىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى قەتئىي يەردە قويماسلىقى كېرەك. دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىناپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەلىم سۆزنىڭ روھىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى، قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر مىللەت كادىر - ساقچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتتە پولاتتەك بولۇش» مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، قۇربان بېرىشتىن باش تارتماي، «قەتئىي پاك بولۇش، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، جان تىكىپ ئېلىشىش، غەلىبە قىلىشقا ماھىر بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى قوغداشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

«باش شۇجىنىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىغا ئۆزى بايراق بەرگەنلىكى ھەم تەلىم سۆزى قىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ غايەت زور ئىلھاملاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، تۈرتكە بولدى.» خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مۇرات شېرىپجان مۇنداق دېدى: بىز ھەربىر خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سادىقلىق ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشنى قېنىمىزغا سىڭدۈرۈپ، قەلبىمىزگە مەھكەم ئورنىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە باشتىن - ئاخىر كۈرەش قىلىمىز.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك ئالىي ساقچى باشلىقى رېن يىنىڭ ئېيتىشىچە، 41 يىللىق جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى جەريانىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولغان، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى كۆرگەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ھېس قىلغان، «مەن پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيىتىم، بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلىمەن!»

بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جاڭ جياۋنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇرۇش سېپىدە ئۆستۈرۈلۈپ، بۇ ئىدارىنىڭ خۇاگوشەن ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچى باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ مۇنۇلارنى دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم سۆزى بىزنىڭ غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتتى. «پارتىيەگە سادىق بولۇش» بىر پارتىيە ئەزاسى، بىر خەلق ساقچىسىغا قويۇلغان باش تەلەپ، مەن غايە - ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى فېڭچياۋ تەجرىبىسىنى پائال ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ياخشى ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىمەن.

«8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساقچىلار قوشۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدىغان كۈن، مەن چەكسىز پەخىرلەندىم ۋە ئىپتىخارلاندىم.» باي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى توقسۇن ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى قۇربان ھىمىت مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم سۆزى ئىنتايىن ۋەزىنلىك بولۇپ، شان - شەرەپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچقا سىمۋول قىلىنغان ساقچى بايرىقى ئاستىدا، بىز ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى قەتئىي يەردە قويماي، جان - دىلىمىز بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى