تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار بار كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەۋرىشىم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئاپتوماتىك تەقسىملەپ ئۈسكۈنىلەرگە يەتكۈزۈۋاتاتتى، شىركەت بار كۈچى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى.

كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇستەھكەم تىرەك. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار كەسكىن، مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئالدىدا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بىر قېتىملىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ «ئاقىل» ياسىمىچىلىق ھەرىكىتىنى قوزغاپ، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئېنېرگىيە توپلىدى.

جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جۇ فېي مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت جەھەتتىكى ئەمەلىي قوللىنىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ، بۇ يىل 3 - پەسىلدىكى سېتىش نىشانىنى ئورۇندىيالايدۇ.

يېقىندا، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان يېڭى مەھسۇلات − ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ساپلىقتىكى ئاليومىن رادىيال تەگلىك ماتېرىيالى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلدى. شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ كاتىپى ليۇ جيەنخاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ خىل يېڭى ماتېرىيالنى شىركەت ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، بۇنى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشتىكى مېتاللارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان سىمنىڭ ئاساسلىق يۈرۈشلۈك ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا تاختا ئېكران ھەمدە قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى ساھەسىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.

8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ خەيجۇاڭ شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشچىلار ئەمدىلا تەتقىق قىلىپ ئاچقان 2.5 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. «كارخانا شىنجاڭدىكى شامال رايونلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇمشاق دېتال ئېچىشنى ئەلالاشتۇردى، ھازىر مەھسۇلاتنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى ئەسلىدىكىدىن %3 ئەتراپىدا ئاشتى.» شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چىنلىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشۇردى. «ھازىر شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن 300(يۈرۈش)دىن ئارتۇقنى ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنىڭ %86ىنى تاماملىدۇق».

1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش دائىرىسىدە ساقلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە كارخانىلاردا تۇرۇپ «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى داۋاملىق تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەريانىدا يولۇققان توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى