تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمغا قارشى جەڭدە نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشسەك، تۆلىگەن بارلىق بەدەللىرىمىز ئەرزىيدۇ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەڭ مەيدانىدا مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن رايون، ناھىيەلەرنىڭ يۇقۇم خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا ھال خەۋپ - خەتەردىن تۆۋەن خەۋپ - خەتەرگە تەڭشەلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى يەنىمۇ كېڭەيدى، بۇنداق نەتىجە - ئۈنۈم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ مەيدان كۈرەشتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «دۆلەت ئۈچۈن بۇرچىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش»تەك قىزغىنلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى شەرھلىدى.

ھەرقايسى تارماقلارنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىشى، ئايرىشى، مۇداپىئەلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى رەتلەش... 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 14تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چۈشكىچە ئالدىراش ئۆتكەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى نەنمېن شۆبە دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى يۈ مېينىڭ ئازراق ئارام ئالىدىغانغا ۋاقتى چىقتى. ئۇ بېلىنى تۇتقىنىچە ئاستا ئولتۇردى، «بەل ئاغرىقىم قوزغىلىپ قالدى، كونا كېسەل».

بۇ قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، دوختۇرخانا نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۈ مېي 250 دوختۇر - سېسترانى باشلاپ، ھەرقايسى مەھەللىلەردىكى نەچچە ئون تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا ئالدىراش يۈردى. نەق مەيداننى سەييارە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، سىناق دورىسى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ تەقسىملەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئەھۋالغا قاراپ خادىملارنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش... «بەزىدە بىر كۈندە نۇرغۇن تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىغا بارىمەن، ئالدىراشچىلىقتا باشقا ئىشلارنى ئويلاشقۇدەك ۋاقتىم چىقمايدۇ» دېدى ئۇ.

يۇقۇم تۇيۇقسىز يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى) پۈتۈن كۈچى بىلەن ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا قىلىپ تەڭشەلدى. كېسەلخانىنى بوشىتىش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - كېسەل كۆرۈش، ئاغرىقلارنى يۆتكەپ توشۇش، ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش، ماددىي ئەشيالارنى تەڭشەپ تەقسىملەش، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش... دوختۇرخانا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دىڭ گۇيفېڭ پۈتۈن دوختۇرخانىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملار بىلەن بىرلىكتە ھەربىر ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئانىلار، بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. «مەن تېببىي خىزمەتچى، تۆلىگەن بارلىق بەدەللىرىم ئەرزىيدۇ!» دېدى دىڭ گۇيفېڭ.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىشىغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىدىغان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭدا كارخانا گۇرۇھى شىنجاڭ جۇڭدا جيارۇي سانائەت - سودا چەكلىك شىركىتى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرت ۋە 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىركەتنىڭ باش مۇدىرى خەن فۇشىڭ شىركەتنىڭ 60تىن ئارتۇق خىزمەتچىسىنى يېتەكلەپ ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدە كېچە - كۈندۈز كۈرەش قىلدى. ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرت ۋە 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىدىن 20 نەچچە توننا ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، شىركەت يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا 140 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى دېزىنفېكسىيەلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى.

خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى توپ سېتىش بازىرى، يېمەكلىك تەمىناتىنىڭ تولۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شۇنداقلا يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن لىنلۇڭ ھەر كۈنى كۈنتەرتىپىنى سەھەردىن كەچكىچە تولۇق ئورۇنلاشتۇردى. «بىز بازارغا كىرىدىغان بارلىق ئاپتوموبىل ۋە خادىملارنى تەكشۈرەيمىز ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، مەھسۇلاتلارنى ئارىلاپ تەكشۈرىمىز، ھازىرغىچە 4000دىن ئارتۇق تۈركۈم قېتىمدىكى مەھسۇلاتنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، قەتئىي تۈردە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق».

8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 15تە، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى جياخې ۋەنشىشىن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۈن جېن چۈشلۈك تاماق يېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، كومپيۇتېر ئالدىدا ھەرقايسى مەھەللىلەر يوللىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، سېتىۋېلىش ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. «تاماقنى كېيىنرەك يېسەم ھېچقىسى يوق، ئاۋۋال بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرسام، ئاھالىلەر ياخشى يەپ، ياخشى ئىچەلەيدۇ.» بۇ شىركەت مىدۇڭ رايونىدىكى مېۋە - چېۋە، ئاشلىق، ياغ، كۆكتات توپ سېتىش كارخانىسى بولۇپ، «كۆپچىلىكنى ياخشى يېيىش، ياخشى ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش» سۈن جېننىڭ قەلبىدىكى چوڭ ئىش. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ شىركەت بازارنى 3000 توننىدىن ئارتۇق كۆكتات، ئاشلىق، ياغ قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، ئاھالىلەرنىڭ «كۆك - تاق»ىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ جۈچېن ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى دوۋ گاڭگۇي مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىدى: «يۇقۇم ئالدىدا چەتتە قاراپ تۇرغۇچى يوق، پىدائىي بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن.» بۇ قېتىم، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئوغلىنى ئېلىپ بىرلىكتە پىدائىيلار قوشۇنىغا قوشۇلدى. بۇ «ئاتا - بالا ئەسكەر» بىر - بىرىگە مەدەت بېرىپ، بىرلىكتە تىرىشتى، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنى تەسىرلەندۈردى. ئاھالىلەرگە تۈرلۈك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى، ئەخلەتلەرنى تازىلاپ توشۇدى، تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، دورا يەتكۈزۈپ بەردى... « كىيىملىرىم كۈندە ئۈچ - تۆت قېتىم تەردە چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ، بەزىدە ئۆيگە قايتقاندا، دۈمبەمدە تەر داغلىرىدىن <خەرىتە> شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرىمەن».

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى چېن ئەيجۈن بىلەن خوتۇنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا «ئەر - خوتۇن سەپداش» بولدى. 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، چېن ئەيجۈن ئولتۇراق رايوندا پىدائىي بولدى. يېرىم ئايدىن بۇيان، ئادەتتىكى چاغلاردا كۆكتات بازىرىغا ئاز بارىدىغان ئۇ كۆكتات سېتىۋېلىش ماھىرىغا ئايلاندى، «خىزمەت يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشناڭ ئەلا دەيدىغان گەپ بار، قوشنىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغانلىقىمدىن خۇشالمەن.» يېقىندا، ئىدارىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ، ئۆيدە ئىشلەشكە توغرا كەلگەچكە، خوتۇنى چېن ئەيجۈننىڭ ئورنىدا پىدائىي بولدى. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە، ھەممە ئادەم بىر ئۈلۈش كۈچ قوشۇشى كېرەك» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى