تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە بۇ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرىمەن»

پىدائىي چېن لۇ:

«ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە بۇ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرىمەن»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا

8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 12دە، چۈشتىن بۇرۇنقى خىزمەت ئاخىرلاشتى، چېن لۇنىڭ ئاخىر دەنيۈەن ئىشىكى ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا بىردەم ئولتۇرۇشقا ۋاقتى چىقتى. ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) قەشقەر شەرقىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جىڭجياڭ يولى مەھەللىسىدىكى پىدائىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېن لۇ ئىش ئورنىدا 34 كۈن چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى.

ئەمدىلا ئولتۇرۇشىغا، چېن لۇنىڭ تېلېفونى سايرىدى. «تۈنۈگۈن تىزىملاتقان خالتىلىق كۆكتات ئولتۇراق رايونغا قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سورىدى بىر ئاھالە. خالتىلىق كۆكتاتنىڭ كېلىدىغان ئېنىق ۋاقتىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، چېن لۇ دەرھال ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى. تېلېفون خاتىرىسىدىن چېن لۇنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇنلا، 20 نەچچە تېلېفون قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.

2019 - يىلى ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن، گەرچە ھەربىي فورمىنى سېلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن چېن لۇنىڭ ھەربىيلەرگە خاس خىسلىتى قىلچە ئۆزگەرمىدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەھەللىنىڭ ئادەم كۈچىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ تېزدىن تىزىملاتتى ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن: «مېنى ۋەزىپە ئېغىر جايغا ئەۋەتىڭلار!» دەپ تەلەپ قىلدى.

چېن لۇ مۇلازىمەت قىلىدىغان دەنيۈەندە ياشانغانلار ۋە بالىلار كۆپرەك ئىدى. «بىنادا ياشانغان بىر جۈپ ئەر - خوتۇن بار ئىدى، چېن لۇ خالتىلىق كۆكتات يەتكۈزۈپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ياڭيۇ، سەۋزە قاتارلىق تۈگۈنەك يىلتىز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بايقاپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەر قېتىم ئۇلارغا ياخشى كۆرىدىغان كۆكتاتلىرىنى ئايرىم يەتكۈزۈپ بەردى» دېدى قەشقەر شەرقىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر چېن چيەنچى.

چېن لۇ مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى كەچتە خىزمەتنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، پىدائىيلار بىرلىكتە شۇ كۈنى يولۇققان قىيىن مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىمىز، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئامال ئويلاپ، ئۆزئارا مەدەت بېرىمىز.

«مەن پەقەت پۈتۈن شەھەردىكى نۇرغۇن پىدائىينىڭ بىرى، بىر ئادەمنىڭ نۇرى ۋە ھارارىتى گەرچە ئاجىز بولسىمۇ، ئەمما مۇجەسسەملەنسە يىمىرىلمەس كۈچكە ئايلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە بۇ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرىمەن!» دېدى چېن لۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى