تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا 113 مىڭ 300 يەككە سودا-سانائەتچىگە ئالتە مىليارد 11 مىليون يۈەن بىر قېتىملىق ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋىرى): «يۇقۇم مەزگىلىدە بىزنىڭ قەرز قايتۇرۇش بېسىمىمىزنى يېنىكلەتتى، ھۆكۈمەت بىزنى ئىنتايىن زور ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، بىز تىجارەتنى ئوبدان قىلساقلا، سودىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى خوتەن 2-كوچىسىدا قولايلىق تاللا بازىرى تىجارىتى قىلىدىغان نيې لۇمېي.

  ئالدىنقى ئايدا، نيې لۇمېي ئەمدىلا تىيانشان يېزا سودا بانكىسىدىن 80 مىڭ يۈەنلىك بىر قېتىملىق ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئېلىپ، ئۆي ئىجارىسى، مال كىرگۈزۈشتىكى مەبلەغ بېسىمىنى ھەل قىلغانىدى. بۇ ئايدا، يەنە يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش مۇددىتى كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلغانلىق خۇشخەۋىرىنى كۈتۈۋالدى، تاللا بازىرىنىڭ تىجارەت بېسىمى يەنە بىر قېتىم يېنىكلىدى.

  بۇ يىل يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ تارماق بىرلىكتە مەخسۇس تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بانكا ئاپپاراتلىرىنىڭ يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە بەلگىلىك مۇددەتتىكى ئاز سوممىلىق رەنىسىز، كېپىلسىز قەرز پۇل تارقىتىشىغا ئىلھام بەردى ۋە قوللىدى، ھەم مۇۋاپىق مالىيە ئۆسۈم ياردىمى بەردى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە: يەككە سودا-سانائەتچىلەر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن بىر قېتىملىق ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قەرز پۇل سوممىسى 80 مىڭ يۈەننىڭ ئىچىدە، قەرز پۇل مۇددىتى ئالتە ئاي (ئالتە ئاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، ھۆكۈمەت مالىيەسى %50 ئۆسۈم ياردىمى بېرىدۇ.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ تۈردىكى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتى 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى.

  8-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي شۆبە بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، بىر قېتىملىق قەرز پۇل سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى قەرز پۇل تارقىتىشنى ھۆددىگە ئالغان بانكا ئاپپاراتلىرى ئىچكى قىسىمدىكى خىزمەت تەرتىپىنى بەس-بەستە ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئۇدۇللاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، يېشىل يول ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىككى خىزمەت كۈنىدە قەرز پۇل تارقىتىپ بېرىشنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

  7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 19 بانكا ئاپپاراتى 113 مىڭ 300 يەككە سودا-سانائەتچىگە رەنىسىز، كېپىلسىز، ئۆسۈم ياردىمى بولغان جەمئىي ئالتە مىليارد 11 مىليون يۈەن بىر قېتىملىق ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقاتقان.

  «چۈشتىن بۇرۇن مەن قەرز پۇل ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرغانىدىم، چۈشتىلا شىنجاڭ تىيانشان يېزا سودا بانكىسىنىڭ تەستىقىي جاۋابىنى تاپشۇرۇۋالدىم. پەقەت بىر كۈن ئىچىدىلا 50 مىڭ يۈەنلىك مالىيە ئۆسۈم ياردىمى قەرز پۇلىنى ئېلىپ، جىددىي قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىۋالدىم، بۇنچىۋالا تېز بولۇشىنى ئويلىماپتىمەن، مەن بەك خۇشال بولدۇم» دېدى مىدۇڭ رايونى سەنداۋبا بازىرى جيەنچۇەنزى مەھەللىسىدىكى يەككە سودا-سانائەتچى جاۋ جىبىن.

  «ئوبوروت مەبلىغىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئەھۋالدا، ئومۇمەن بىزنىڭ قەرز پۇل شەرتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يەككە سودا-سانائەتچى بولسىلا، بىز كۆپچىلىكنىڭ تەلىپىنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنى قاندۇرىمىز ھەم تېز تەستىقلاش، تېز تارقىتىش سىياسىتىنى يولغا قويىمىز» دېدى شىنجاڭ تىيانشان يېزا سودا بانكىسى مىدۇڭ رايونى شۆبە بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى لۇ رېنشىڭ.

  ئىگىلىنىشىچە، بىر قېتىملىق ئاز سوممىلىق قەرز پۇلنى پەقەت يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتتە ئىشلىتىلىدىغان خام ماتېرىيال، ئۈسكۈنە، تاۋار سېتىۋېلىش، خادىملارنىڭ مائاشى، ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت مەيدان-سورۇنلىرىنىڭ ئۆي ئىجارىسى، سۇ، توك ھەققى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك چىقىملارنى تۆلەشكىلا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، ئۆي سېتىۋېلىش، مالىيە باشقۇرۇش، ئائىلە بۇيۇملىرى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت خاراكتېرىنى ئالمىغان چىقىملارغا ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن.

  ئاز سوممىلىق قەرز پۇلغا ئېھتىياجلىق يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئورنى تۇرۇشلۇق مەھەللە خىزمىتى ئىشخانىسىغا قەرز پۇل ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، مەھەللە تەكشۈرۈپ دەلىللەش، ناھىيە (شەھەر، رايون) قايتا دەلىللەش ئارقىلىق، قەرز پۇل تارقىتىشنى ھۆددىگە ئالغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، قەرز ئالغۇچى بىلەن رەنىسىز، كېپىلسىز قەرز ئېلىش توختامى ئىمزالاپ، ئىككى خىزمەت كۈنىدە قەرز پۇل تارقىتىشنى تاماملايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى