تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى 2400دىن ئارتۇق ئاساسىي ۋە قوشۇمچە غول يول، مەھەللە يولىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شې زەيچى، گۇڭ تىڭتىڭ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر رايونىدىكى 2400دىن ئارتۇق ئاساسلىق، قوشۇمچە غول يول ۋە مەھەللە يوللىرىدا ئۇدا ئۈزۈلدۈرمەي دېزىنفېكسىيە قىلىپ مىكروب ئۆلتۈردى، ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رايونىدىكى خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، «ئاۋۋال نۇقتىلىق، كېيىن ئومۇميۈزلۈك» بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان رايون ۋە بۆلەكلەردە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش مەشغۇلات لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك چوڭ دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئىجرا قىلدى.

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى شۇاڭخې مەھەللىسىدىكى مەھەللە يولىدا بىر نەچچە خىزمەتچى خادىمدىن تەشكىللەنگەن دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئەترىتىنىڭ بەزىلىرى سۇ پۈركۈگۈچنى كۆتۈرسە، بەزىلىرى سۇ پۈركۈگۈچنى يۈدۈگىنىچە كوچىلاردا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى.

شۇاڭخې مەھەللىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مەھەللىدە كەڭلىكى ئۈچ مېتىردىن بەش مېتىرغىچە كېلىدىغان تار كوچا يولىدىن ئالتىسى بار بولۇپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈنلەي قولدا سۇ پۈركۈش چۆگۈنى، دۈمبە شەكىللىك سۇ پۈركۈگۈچ، ئىمپۇلس شەكىللىك سۇ پۈركۈش ئەسۋابى بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىمدىن كەم بولمايدىكەن.

يېقىندا، مەھەللىدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لۇق شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەڭ يېڭى تۈزۈپ يولغا قويۇلغان دېزىنفېكسىيەلەش لايىھەسى ۋە كۆرسەتمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رايون دەرىجىسىگە ئاساسەن، ھەركۈنى بىر قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە دېزىنفېكسىيەلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ باردى، شەھەر بويىچە ھەركۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 400 گە يېقىن دېزىنفېكسىيەلەش ئاپتوموبىلى ئىشقا سېلىندى.

شىمىگۇ رايونى دېزىنفېكسىيە مەشغۇلاتى قىلىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئىشقا سېلىپ، كېچىدە جىڭيۈەن يولىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى.

شىمىگۇ رايونلۇق مۇھىت تازىلىقى تازىلىق ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋېن جياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش مەشغۇلاتىنىڭ ھەممىسى كېچىدە ئېلىپ بېرىلدى. شىمىگۇ رايونى ھەركۈنى كەچتە دېزىنفېكسىيەلەش ئاپتوموبىلىدىن ئوننى ئىشقا سېلىپ، 63 ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە غول يولدا دېزىنفېكسىيەلەش مەشغۇلاتى قىلدى. شەھەر رايونىدىكى يوللاردا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرگەندىن باشقا، كۈندۈزى يەنە ئۈچ مەشغۇلات ئاپتوموبىلى بىر قىسىم نۇقتىلىق قورۇلار ۋە ئۆزى سالغان ئۆيلەر رايونىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە غول يول، مەھەللە يوللىرىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرگەندىن باشقا، جەمئىي 2586 ئەخلەت يىغىش نۇقتىسى، 24 ئەخلەت يۆتكەش پونكىتىدا ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى تاماملىغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى(مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جاڭ يۆخېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر پۈتۈن شەھەردىكى 2400دىن ئارتۇق ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە غول يول، مەھەللە يولىدا داۋاملىق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، مەشغۇلات مۇساپىسى 5000 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى