تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ 9 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ جەمئىي 9 مىليارد 78 مىليون يۈەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردىن 1 مىليارد 793 مىليون يۈەن ھەقنى يېرىم كېمەيتىپ ئالدى، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ 7 مىليارد 285 مىليون يۈەن ھەققىنى تولۇق كەچۈرۈم قىلدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، كارخانىلارنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ يىل 2 - ئايدىن 12 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردىن كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق قىسمى ئېلىنمايدۇ؛ بۇ يىل 2 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردىن كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەق قىسمىنىڭ يېرىمى كېمەيتىپ ئېلىندى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىدە ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن كارخانىلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى داۋاملىق كېچىكتۈرۈپ 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاپشۇرسا بولىدۇ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرغان مەزگىلدىكى كېچىكتۈرۈش جەرىمانىسى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغانلارغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى قايتۇرۇش سالمىقىنى زورايتتى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 12 - ئايغىچە، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغانلارغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى قويۇۋېتىلىپ، قايتۇرۇپ بېرىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ، خادىم قىسقارتمىغان ياكى ئاز قىسقارتقان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتا قايتۇرۇش ئۆلچىمى كارخانا ۋە ئۇنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئالدىنقى يىلى تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنىڭ %100گىچە ئۆستۈرۈلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا بارلىق كارخانىلارغىچە تەتبىقلىنىدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز 78 مىڭ 200 كارخانىغا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغانلارغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى قايتۇرۇش بويىچە 798 مىليون يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، 1 مىليون 605 مىڭ ئىشچى - خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى