تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى، دىققەتنى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، «مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق» ۋە «تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق» رولىنى جارى قىلدۇردى.

8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ توقۇمىچىلىق سانائەت باغچىسىدا ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئايلىنىۋاتاتتى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ماشىنىدا پىششىق مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ، تىيانشان توقۇمىچىلىقىدىكى 613 كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى زاۋۇتتا تۇرۇپ يېپىق شەكىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى يولغا قويدى، سېخلار بار كۈچى بىلەن ماسكا ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى، نۆۋەتتە، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكىنىڭ كۈندىلىك مال چىقىرىلىش مىقدارى 350 مىڭ دانىگە، N95 ماسكىنىڭ كۈندىلىك مال چىقىرىلىش مىقدارى 40 مىڭ دانىگە يەتتى.

شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «ۋەزىپىنى كېمەيتمەسلىك، كۆرسەتكۈچنى تۆۋەنلەتمەسلىك»تە چىڭ تۇردى، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدىكى جەمئىي 6209 كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى زاۋۇتتا تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى. 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، تۈرلۈك ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىگەندىن كېيىن، رەڭلىك مېتال گۇرۇھى شىبۇ خۇاڭجىن ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ رۇدا تاللاش 2 - زاۋۇتى نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، نۆۋەتتە، بۇ زاۋۇتنىڭ كۈندىلىك رۇدا بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى 200 توننىدىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە ئاشۇرما پايدىسى 2 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.

شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت تەلىپى بويىچە، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، پۈتۈن گۇرۇھتىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى باغچە رايونىدا يېپىق ھالەتتە ئىشلىدى، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە، شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 4171 ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى تاماملىدى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى كې شيەنجى مۇنداق دېدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، زاكازنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىنقى مەزگىلدە قولدىن بېرىپ قويغان ۋاقىتنى تولدۇرۇۋېلىپ، پۈتۈن يىلدا ئىشلەپچىقىرىدىغان، سېتىلىدىغان ئاپتوموبىلنى 5500دىن ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز، ھەمدە يۇقىرى ئېقىن ۋە تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىمىز.

سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللىدى، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، جەمئىي 20 مىڭ 530.29 توننا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز، 65 مىڭ 18.26 توننا ساپ مېتانول ئىشلەپچىقاردى ۋە ساتتى، 3 مىليون 394 مىڭ 300 ئۆلچەملىك كۇب مېتىر تەبىئىي گاز پىرېسلىدى.

يۇقۇم مەزگىلىدە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان ئوغۇتقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يۈشياڭ خۇياڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، 1300دىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ياتاق، تامىقىنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. شىركەت ماددىي ئەشيالارنى كۆپ تەرەپتىن ماسلاشتۇرۇپ، مەشغۇلات تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى داۋالغۇشنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. 8 - ئايدىن بۇيان، شىركەت 8000 توننا بىرىكمە ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىپ، ئايلىق پىلان مىقدارىنىڭ %120ىنى تاماملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى