ئانات بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا): 8-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 7:00، تاڭ ئەمدىلا يورىغان ئىدى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى چاجيې مەھەللىسى شىنجاڭ قاتناش پىلانلاش-تەكشۈرۈش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى ئولتۇراق رايونىدىكى سەككىز مۈلۈك باشقۇرۇش خىزمەتچىسى قورو ئىچىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەنىدى.
«يەنە بىرسائەتتىن كېيىن ئامما سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلىدۇ، كۆپچىلىك چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن قىلايلى!» مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بۇ ۋېنيى خىزمەتچىلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلغاچ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ بولۇنغان جايلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈردى، بولۇپمۇ ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى چېنىقىش ئەسلىھەلىرى، شىپاڭ ۋە ئاممىۋى رايونلارنى ئالاھىدە ئىنچىكىلەپ تەكشۈردى.
بۇ ۋېنيى مۇنداق دېدى: ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر بىنادىن چۈشۈپ توپلاشماي شەخسىي پائالىيەت قىلغاندىن كېيىن، مەھەللە ئاممىۋى رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ھەر كۈنى ئالتە قېتىمغا ئاشۇردى، ھەر قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش 20 مىنۇتتىن ئارتۇق بولدى.
سائەت 8:00دە، ئاھالىلەر ئارقا-ئارقىدىن دەنيۈەندىن چىقىشقا باشلىدى، ئىشىك ئالدىدىكى ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسدا، پىدائىي 80 ياشلىق ئاھالە جاڭ نيەنفاڭنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ قويدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاۋايلاپ مېڭىشنى تاپىلىدى. بۇ كىچىككىنە ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسىدا بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان تېببىي دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزى، يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات قاتلانما قوللانمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.
مۇخبىرلار لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن مەھەللىگە چۈشكەن كادىر چى ياڭياڭغا ئەگىشىپ، بۇ 7000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان قورۇنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، سەككىز ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ ئالدىدا بىردىن ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسى بارلىقىنى، پىدائىيلار ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاھالىلەر ئايلىنىۋاتقاندا، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەر ۋاقىت كۆپچىلىكنى بىخەتەر ئارىلىق ساقلاشقا ئەسكەرتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچىدىكى كۆكتات دۇكىنىنىڭ ئالدىدا، كۆكتات سېتىۋالغىلى كەلگەن ئاھالىلەر پىدائىيلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ، بىر-بىرلەپ كۆكتات سېتىۋالدى.
«بىز بىر كۈن بۇرۇن توپتا زاكاس قىلىمىز، بۇ يەرگە كېلىپ ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ھەق تۆلىگەندىن كېيىن نەرسىلەرنى ئېلىپ كەتسەكلا بولىدۇ، ئامال بار توپلىنىشتىن ساقلانساق، ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ» دېدى ئاھالە چېن ۋېي.
40 مىنۇتتىن كېيىن، جاڭ نيەنفاڭ ئەتىگەنلىك چېنىقىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دەنيۈەن ئالدىغا قايتىپ كەلدى. پىدائىينىڭ ياردىمىدە، ئۇ يەنە بىر قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرسىنى ئۆلچىتىپ، يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىدا قولىنى دېزىنفېكسىيەلىدى.
«ئۆيدىكى چاغدا، پىدائىيلار دائىم كېلىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسى، قان بېسىمى، قان قەنتىنى ئۆلچەپ، مېنى بەكمۇ خاتىرجەم قىلدى. ھازىر سىرتقا چىققاندا ھەر ۋاقىت خىزمەتچى خادىملار كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، مەن بەكمۇ خاتىرجەم بولدۇم!» دېدى جاڭ نيەنفاڭ.