تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە شىنجاڭدىن توشۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى

 

 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئايروپىلان يۈك-تاق بۆلمىسىگە مال قاچىلىماقتا، بۇ كالا، قوي گۆشلىرى گۇاڭجوۋ، شاڭخەي، شىئەن، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا توشۇلىدۇ. (مۇخبىر لى كەي فوتوسى)

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى كەي): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە شىنجاڭدىن چىقىپ، گۇاڭجوۋ، شاڭخەي، شىئەن، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  8-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ تىجارەت بۆلۈمى توشۇغان ماللار ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ گۆش، مېۋە-چېۋىلىرى قاتارلىقلار ئىكەن. 8 - ئاينىڭ 17 -كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، شىنجاڭنىڭ جەمئىي 45 توننىدىن ئارتۇق گۆش مەھسۇلاتى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىرىلغان.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروت شىركىتى شىنجاڭ تىجارەت بۆلۈمى سېتىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئۈزۈش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروت شىركىتى شىنجاڭ تىجارەت بۆلۈمى خېرىدارلار ھاۋالە قىلغان گۆشكە قارىتا ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىپ، مالنىڭ سىرتقى ئورالمىسىنى دېزىنفېكسىيەلەپ  مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار ئىسپاتلار بولغاندىلا، ئاندىن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئامبىرىغا توشۇلغان ھەمدە نىشانغا تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈلگەن.

  ليۇ يى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە توشۇلۇۋاتقان گۆش تۈرلىرى كالا گۆشى، قوي گۆشى، كالا قامچىئوتىنى ئاساس قىلىدۇ، كۈندىلىك توشۇش مىقدارى بەش توننا ئەتراپىدا بولۇپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارىنىڭ تەدرىجىي ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توشۇش مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلاردىن باشقا، قەشقەر شىنمېيلىرىنىڭ يېقىندا ئىچكىرى رايونلارغا توشۇلۇش مىقدارىمۇ ئاشقان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 8 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى قەشقەردىن شىئەنگە بارىدىغان 14 نۆۋەتچى ھۆددە ئايروپىلاندا شىنمېي توشىغان بولۇپ، توشۇش مىقدارى 240 توننىدىن ئاشقان، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يەنىلا كۈنىگە بىر، ئىككى نۆۋەت قەشقەردىن شىئەنگە قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنى ھۆددىگە بېرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى بېيجىڭ، چىڭداۋ، كۆكخوت، لەنجوۋ، ميەنياڭ، خەيكوۋ، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى كەينى-كەينىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن، كەلگۈسىدە ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يەنە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە تىرانسپورت كۈچى سېلىنمىسىنى تەڭشەپ، جايلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەدرىجىي مۇقىم ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تىرانسپورت كاپالىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

  ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەس ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت - كاپالەت خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروت - تىرانسپورت سۇپىسى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى رايونلارنىڭ بازارلىرىغا توشۇيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى