تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىۋاسىتە ئۈزۈپ، بىۋاسىتە سېتىپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىندى

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى ياڭماۋگۇڭ بازىرى خۇڭيەنخۇ كەنتىدىكى كۆكتات ئۆستۈرۈش بازىسىدا، پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ يېڭىلا ئۈزۈۋېلىنغان جاڭدۇلارنى قاچىلىماقتا. پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى بيەن لەنلەن فوتوسى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىن): ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) چىڭگېداخۇ يېزىسى تىيانشان كەنتى، شىنليەن كەنتىدە ئۆستۈرۈلگەن يوۋمەيسەي، شياۋ بەسەي قاتارلىق كۆكتاتلار ئېتىزلىقتا ئاپتوموبىللارغا بېسىلغاندىن كېيىن، 20 مىنۇت ئىچىدىلا شىنليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال توپ سېتىش بازىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاندىن يەنە ھەر قايسى ئولتۇراق رايوندىكى كۆكتات سېتىش نۇقتىلىرىغا يېتىپ بارىدۇ.

  يېقىندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قىلچە بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ساقلاش، توشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال تەشكىللەپ، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇنىۋېرسال توپ سېتىش بازىرىدىكى كۆكتات تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان لى شىجۈن ئادەتتىكىگە ئوخشاش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ چىڭگېداخۇ يېزىسىغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋالدى.

  شىنليەن كەنتى 5-گۇرۇپپىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى دۇ بىننىڭ ئېتىزىغا كېلىپ، لى شىجۈن ئاپتوموبىلدىن چۈشمەي تۇرۇپ، دۇ بىن ئۆزى تېرىغان كوڭشىنسەي (كاۋاك سەي)، تاتلىقياڭيۇ يوپۇرمىقى قاتارلىق كۆكتاتلارنى ئاپتوموبىلغا بېسىپ بەردى.

  بۇ يىل، دۇ بىن يەتتە مو يەرگە كۆكتات تېرىغان بولۇپ، 7-ئايدا كۆكتات ئۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، پات-پات كۆكتات سېتىۋالغىلى كەلگەن سودىگەرلەر ئاپتوموبىللىرىنى ئېتىز بېشىغا ھەيدەپ بېرىپ، ئاپتوموبىلغا كۆكتاتلارنى قاچىلاپ ھېساباتنى قىلىۋېتىپ يۆتكەپ كېتىدۇ. «گەرچە يۇقۇم كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى توشۇپ كېتىلدى. 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېتىزدىكى كۆكتاتلارنى يىغىپ بولۇش مۆلچەرلەنمەكتە.»

  دۇ بىن كۆكتاتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، باھاسىنى ياخشى ھېسابلاپ قويىدۇ، لى شىجۈن ۋېيشىن ئارقىلىق ھېساب ئۆتكۈزىدۇ، ئىككى ئادەم پۈتۈن مۇساپىدە «ئۇچراشماي» ئالاقە قىلىدۇ. « ھەممىمىز كونا تونۇشلار، بىر-بىرىمىزگە ئىشىنىمىز، ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمىز.» دېدى دۇ بىن.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتناش راۋانلىقىغا، توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا، ئىشچى ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاخىرقى ئۇچىغىچە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش زەنجىرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نورمال بولۇشىغا ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش ھالقىسىدا، «خادىملار بىلەن ئۇچراشماسلىق، ئاپتوموبىللارنى قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئادەم ۋە ماددىي ئەشيالارنى بىللە تەكشۈرۈش، يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى.

  شىنجاڭ ئەييۈەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا 340 مو كۆلەمدىكى كۆكتات تېرىش بازىسى بار بولۇپ، ئاساسلىقى خاڭگا، شوخلا، لازا قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىركەتنىڭ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرى ئۈزگەن كۆكتاتلارنى جيۇدىڭ توپ سېتىش بازىرىغا يەتكۈزۈپ، يېمەكلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئايرىپ ئوراپ قاچىلايدۇ، بەزىلەر بازاردا بىۋاسىتە ساتىدۇ، بەزىلەر كۆكتات بولىقى تەييارلاپ ئولتۇراق رايون ئىشىكى ئالدىغا تەقسىملەپ يەتكۈزىدۇ.

  شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ما دۇڭفاڭ مۇنداق دېدى: «شىركەت + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى بۇ يىل مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە سېتىش يولى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  مىدۇڭ رايونى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تىجارەت كارخانىسى ______ ئۈرۈمچى جياخې ۋەنشىشىڭ سودا چەكلىك شىركىتى سەنداۋبا بازىرىدىكى كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ ئېتىزىدىن بىۋاسىتە كۆكتات سېتىۋالدى ھەمدە بىۋاسىتە سېتىش شەكلى ئارقىلىق مىدۇڭ رايونىدىكى 30 نەچچە مەھەللىدە كۆكتات بولىقىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  نۆۋەتتە، بۇ يەردىكى كۆكتاتلارنىڭ كۈندىلىك تەمىنلەش مىقدارى 1500 توننا ئەتراپىغا يەتتى. سودىگەرلەر سىرتتىن يۆتكەپ كەلگەن كۆكتاتلارنى قوشقاندا، جيۇدىڭ، شىنليەن، لىڭچىڭ، بېييۈەنچۈندىن ئىبارەت تۆت چوڭ توپ سېتىش بازىرىنىڭ كۈندىلىك كۆكتات سودىسى 4000 توننىدىن ئېشىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى