تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق تارقىتىش كارخانىلىرى پار بىلەن تەمىنلەشتىن بۇرۇنقى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى

8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 8دە، جەنۇبىي چىداۋەن يولىدا ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە (گۇرۇھ)چەكلىك شىركىتى ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىككىنچى شىركىتىنىڭ رېمونتچى خادىملىرى رېمونت قىلماقتا.

(سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن خەۋەر قىلىدۇ): 8-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 8دە، جەنۇبىي چىداۋەن يولى، سېرىق نۇر قايتۇرۇش كىيىمى كىيگەن خۇاڭ مېڭچاۋ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىغاندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە 30 نەچچە كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قۇدۇق ئېغىزىنى كۆتۈرۈپ، ئىسسىقلىق تورىنى رېمونت قىلىش قۇدۇقىغا كىردى. بىرنەچچە مىنۇتتىلا خۇاڭ مېڭچاۋنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ كەتتى.

خۇاڭ مېڭچاۋ ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە (گۇرۇھ)چەكلىك شىركىتى ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىككىنچى شىركىتىنىڭ رېمونتچى خادىمى بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئىزچىل خىزمەت ئورنىدا تۇرۇپ كەلدى. ھازىر، بۇ يىللىق قىشلىق ئىسسىنىشقا يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار، ھەرقايسى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، تېخنىكا ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىللىق قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىگە ياخشى ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل