تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى نۆل، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى نۆل؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 14، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار ئۈچ بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە.
8-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 93ى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 35ى بار بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە؛ 1984 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 8-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 24كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 733، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 203.