تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئاغرىقلار رايونىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خاتىرىسى丨مەن ئاغرىقلارنىڭ چېھرىدىكى كۈلكىنى كۆردۈم

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچ لۇ جىنشۇەي

  ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 24-كۈنى

  ئورنى: ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ICU3 ئاغرىقلار رايونى

  ماڭا ئوخشاش ICUدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 15 يىلغا يېقىن بولغان ئادەم ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يىل تولىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بولدى.

لۇ جىنشۇەي ئاغرىقلار رايونىدىكى نۆۋەتچى خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىمەكتە.

  يىل بىشىدا، مەن ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىن خۇبىيغا ياردەمگە بارغان داۋالاش ئەترىتىگە تىزىملىتىپ قاتنىشىپ، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر ئاغرىقلار رايونى ئۈچىنچى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالدىم، شۇنداقلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، كانايغا نەيچە كىرگۈزۈش خىزمىتىنى قىلدىم.

  خۇبېيغا ياردەم بەرگەن تەجرىبەم بولغاچقا، بۇ قېتىم يەنە جەڭگە ئاتلىنىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كېلىپ، يەنىلا ICU ئاغرىقلار رايونىدا تۇرۇشنى تاللىدىم، شۇنداقلا دوختۇرخانىنىڭ ئاغرىقلار رايونىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسى، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش ھەم داۋالاش ھالقىلىرىغا ياردەملەشتىم.

سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ پىروفېسسورلىرى دۇ بىن ، ياڭ يى ICU3 ئاغرىقلار رايونىغا كېلىپ كېسەلخانىلارنى تەكشۈرۈپ، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

لۇ جىنشۇەي ئاغرىقلار رايونىدىكى نۆۋەتچى دوختۇرلار بىلەن بىللە كېسەلخانىلارنى تەكشۈرۈپ، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنى يوقلىماقتا.

  بىر ھەپتىدىن كېيىن، مەن ICU تەشكىللەپ قۇرۇشقا ئاجرىتىلدىم، شۇ كۈنى كەچتە، داۋالاش كىچىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش سۈپىتىدە، گۇرۇپپا ئەزالىرى بىلەن تۇنجى تۈركۈمدە ئېغىر ئاغرىقلارنى كۆزىتىش رايونىغا كىرىپ، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدىم.

  بەزى ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقسىز بولغاچقا، مەن ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ھاياتلىق كۆرسەتكۈچىدىكى ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ ھەر ۋاقىت داۋالاش لايىھەسىنى تەڭشىدىم؛ ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولغاندا، ئۇلارغا قىزىقارلىق سۆزلەرنى قىلىپ، شىنجاڭلىقلار ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەر ھەققىدە پاراڭلاشتىم، ئاغرىقلارنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەنگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يېنىك ئاغرىقلار كېسەلخانىسىغا يۆتكەلگەنلىكىنى كۆردۈم، بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ بەختلىك چاغلار ئىدى.

لۇ جىنشۇەي باشقا تېببىي خادىملار بىلەن كوللىكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  مەن ICUغا بىر كىرىپ كەتسەم 10 نەچچە سائەت، ھەتتا يىگىرمە نەچچە سائەت تۇرىمەن، مۇداپىئە كىيىمىم لىققىدە سۇ بولۇپ كېتىدۇ... بىراق مەن پۇشايمان قىلمايمەن، چۈنكى مېنىڭ دوختۇرلۇق ئەسلىي مەقسىتىم ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ باققىنى يوق.

  8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۆزۈمنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك «بېتيۇنچە ياخشى دوختۇر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىمدىن خەۋەر تاپتىم، بۇ مەن ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن چوڭ خۇشاللىق بولدى، چۈنكى يەنە نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىممۇ ناھايىتى ياخشى ئىشلىدى، مېنىڭ پەقەت تەلىيىم كەلگەن ئىدى.

بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان لۇ جىنشۇەي

  مېنىڭ بېتيۇن روھىغا بولغان چۈشەنچەم ئاغرىقلار ئۈچۈن شەخسىيەتسىز كۈچ چىقىرىش ھەم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تۆھپە قوشۇش، ئىلگىرى ئۆزۈمنى بەك تىرىشقاندەك ھېس قىلاتتىم، لېكىن ھازىر ئۆزۈمنىڭ قىلغانلىرىنىڭ تېخى يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇشۇم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى بۇ بىر شەرەپلا بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى تۈرتكە.

                         (ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى  خەۋىرى، مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى