مەھەللە خىزمەتچىلىرى پوسۇلكىلارنى رەتلىمەكتە.
ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈن فاڭتىڭ خەۋىرى، ۋاڭ جو فوتوسى): توردىن سېتىۋالغان پوسۇلكىنى تاپشۇرۇۋېلىش توردىن مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىشى، لېكىن يۇقۇم مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئاھالە «پوسۇلكىنى بىۋاسىتە ئالسام بىخەتەرمۇ؟» «پوسۇلكىنى ئۆزۈم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟»... دېگەنلەرنى ئويلىشى مۇمكىن.
8-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم مەھەللىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تېز يوللانما ئېلىش پۈتۈن جەريانىنى زىيارەت قىلدى.
«ياخشىمۇ سىز، مەن مەھەللە كادىرى، ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدا تېز يوللانمىڭىز بار، بىر سائەتلىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇشتىن ئۆتۈپ بولدى، ماسكا تاقاپ پەسكە چۈشۈپ ئېلىۋېلىڭ.» شۇ كۈنى مۇخبىر ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى تەۋەلىك رايونى بېيسەيمېن مەھەللىسى يىمىڭ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىدا، مەھەللە كادىرىنىڭ ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
مۇخبىر ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىغا «ئۇچراشماي تاپشۇرۇلىدىغان بۇيۇملارنى قويۇش رايونى» دېگەن خەت چاپلانغان جاينىڭ بارلىقى، پوسۇلكا توشۇغىلى كەلگەن خادىمنىڭ پوسۇلكىنى بۇ رايونغا قويۇپ قويۇپلا كېتىدىغانلىقى، ھەر كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلدىغان مەھەللە كادىرلىرى تېز يوللانما پوسۇلكىسىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروبسىزلاندۇرۇپ، ئاز دېگەندە بىر سائەتتىن كېيىن ئولتۇراق رايوندىكى ئامانلىق ساقلاش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى «ئاخىرقى دېزېنفىكسىيەلەپ مىكروبسىزلاندۇرۇش رايونى»غا قويۇپ قويىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى.
«ياخشىمۇسىز، تېز يوللانما ئالغىلى كەلدىڭىزمۇ؟ بۇ يەردە بىر قېتىملىق پەلەي ۋە ئىسپىرت بار، تېز يوللانمىنىڭ سىرتقى ئورالمىسىنى بىۋاسىتە ياندىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىسىڭىز بولىدۇ» دېدى بېيسەيمېن مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى دېڭدى تېز يوللانما ئالغىلى كەلگەن ئاھالە ۋاڭ فۇلىنغا.
ۋاڭ فۇلىن: «مۇشۇ يەردىلا ئاچاي، ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ قايتا تاشلاپ يۈرمەي» دېدى.
«پوسۇلكا مەھەللىگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، مەھەللىنىڭ بىر قاتار دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ھالقىلىرى مېنى خاتىرجەم قىلدى» دېدى ئاھالە ۋاڭ فۇلىن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، شىمىگۇ رايونى قاتارلىق رايونلاردىكى كۆپ قىسىم ئولتۇراق رايونلار تەلەپكە ئاساسەن، ئىشىك ئالدىغا «ئۇچراشماي تاپشۇرۇلىدىغان بۇيۇملارنى قويۇش رايونى» تەسىس قىلغان، بۇ رايوندا تېز يوللانما پوسۇلكىسىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروبسىزلاندۇرۇش خىزمىتى ئىشلىنىپ، ئاھالىلەرنى تېز يوللانما ئالغاندا تېخىمۇ بىخەتەر، خاتىرجەم قىلغان.