تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تىيانشان كەنتى كۆكتاتلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىش خاتىرىسى

كۆكتاتچى دېھقانلار يېڭىلا ئۈزگەن كۆكتاتلارنى يەشىككە قاچىلىماقتا.

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چىن جىنلى، سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن): 8-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 5:00لەردە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) چىڭگىداخۇ يېزىسىنىڭ تىيانشان كەنتىدىكى لى چياڭ كۆكتاتلىقىغا كەلدى. ئالدىنقى كۈنى، شىنليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى بىر كۆكتات سودىگىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۈگۈن بىر توننا ئەتراپىدا كۆكتات ئەكىتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. كۆكتات سودىگىرىنىڭ ئاپتوموبىلى كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇ لازىملىق كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ، تېڭىپ تەييارلاپ قويمىسا بولمايتتى.

  «ھازىر ھەر كۈنى سېتىلىدىغان كۆكتاتنى شۇ كۈنى ئۈزىمىز!» دېدى لى چياڭ. لى چياڭ تىيانشان كەنتىدىكى كۆكتاتچى دېھقان، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ بىر مەھەل كۆكتات سېتىش مەسىلىسىدىن ئەنسىرىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي كەنتنىڭ ئاۋاتلىقى يەنە ئەسلىگە كەلدى. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش يول خېتى» چاپلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى بەس-بەستە بۇ يەرگە كېلىپ كۆكتات سېتىۋالدى.

  يۇقۇم كۆرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، تىيانشان كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما جيەنيۈنمۇ ئەنسىرىگەنىدى، پۈتۈن كەنتتە 364 ئائىلىلىك كۆكتاتچى دېھقان بار بولۇپ، 3500 مودىن ئارتۇق يەرگە 15 خىل كۆكتات تېرىلغانىدى، كۆكتاتلارنىڭ سېتىلىشى مەسىلىگە ئايلاندى.

  يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى، قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى بىلەن ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇھىم ماددىي ئەشيا تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، بازاردىكى ماددىي ئەشيا ئوبوروت يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. «كەنتىمىزدىكى كۆكتاتچى دېھقانلار دەل بۇ بىر قاتار تەدبىرلەردىن مەنپەئەتلەنگۈچى ھېسابلىنىدۇ.» دېدى ما جيەنيۈن. ئۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)لۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى شىنليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاپتوموبىل ۋە يۈك تىرانسپورت شوپۇرلىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، «يېشىل يول خېتى» بېجىرىش قاتارلىق ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇردى.

كەنت ئاھالىلىرى كۆكتاتلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.
ما جيەنيۈن(سولدىن ئىككىنچى) كۆكتات قاچىلاش نەق مەيدانىدا ماسلاشتۇرماقتا.

  چياۋ ئېرخەي يۇقۇمدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ تىيانشان كەنتىگە كۆكتات ئالغىلى كەلگەن شىنليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى كۆكتات سودىگىرى. «7-ئاينىڭ 24-كۈنى، بازار بىزنى نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى، بىزنى يېشىل يولغا ئورۇنلاشتۇرغاچقا، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قولىمىزغا ئالدۇق. تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن دەرھال تەييارلىق قىلىپ، ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ تىيانشان كەنتىگە ماڭدىم. ئاپتوموبىلغا مەخسۇس يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش يول خېتى چاپلانغاچقا، يول بويى ناھايىتى راۋان ھالدا تىيانشان كەنتىگە يېتىپ كەلدىم. 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، تىيانشان كەنتىدىن ئۇدا بەش ئاپتوموبىل كۆكتات توشۇپ، ئەتىسى سەھەر سائەت 3-4كىچە ئالدىراش بولدۇم» دېدى ئۇ.

  شىنليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن باشقا، ما جيەنيۈن يەنە جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدىكى بىر قىسىم كۆكتات سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى، 7- ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، بىر ھەپتە توشۇش ئارقىلىق، كەنتتە بېسىلىپ قالغان مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆكتات ئاساسىي جەھەتتىن سېتىلىپ بولدى.

  بېسىلىپ قالغان كۆكتاتلارنىڭ سېتىلىش يولى ھەل بولغاندىن كېيىن، ما جيەنيۈن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىزلىقتىكى كۆكتاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كۆپەيتتى. توپ سېتىش بازىرىدىكى كۆكتات سودىگەرلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلەشكەندىن باشقا، ئۇ كەنت ئاھالە كومىتېتى كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالاقە تورى ئېلىكتىرونلۇق تور سودا سۇپىسى ئارقىلىق شەھەر ئىچىدىكى نەچچە 10 مەھەللە بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە ئورناتتى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىلىق، ھازىر ھەر كۈنى 500دىن 1000غىچە كۆكتات بولىقى(ھەر بىرى ئالتە كىلوگىرام) ئېتىزلىقتىن ھەر قايسى مەھەللىلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان بولدى. ئوتتۇرىدىكى ھالقا بولمىغاچقا، تىيانشان كەنتىنىڭ كۆكتاتلىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارغاندىمۇ يەنىلا يېڭى ئىدى.

  ھازىر، ھەر كۈنى تىيانشان كەنتىگە كۆكتات ئالغىلى كېلىدىغان چوڭ-كىچىك ئاپتوموبىل 70كە يېتىدۇ. «ھازىر كەنتىمىزنىڭ كۆكتاتلىرى ھەر كۈنى ئىلگىرىكى يىللارنىڭ مۇشۇ ۋاقتىدىكىدەك نورمال سېتىلدى. ھېلىمۇ ياخشى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار، كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ يىل كۆكتاتچىلارنىڭ كىرىمىنى ساقلاپ قالدۇق، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنمۇ تۆھپە قوشتۇق» دېدى ما جيەنيۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى