تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق تېرىلغۇ ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازلىق زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 7 مىليون 488 مىڭ 800 موغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 67 مىڭ 300 مو كۆپىيىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق تېرىلغۇ مۇددىئا كۆلىمىنىڭ %112.11ىنى ئىگىلىگەن، يازلىق تېرىلغۇ ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يازلىق تېرىلغۇ زىرائەتلىرى ئىچىدە قوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 3 مىليون 930 مىڭ 800 موغا، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر 369 مىڭ 200 موغا، ياغلىق دان 77 مىڭ 200 موغا، كۆكتات 1 مىليون 177 مىڭ 400 موغا، باشقا زىرائەتلەر 1 مىليون 934 مىڭ 200 موغا يەتكەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ تۈزلەڭلىكىدىكى كۈزلۈك ئاشلىق قونىقى ساقال چىقىرىش، دان تۇتۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، سوغۇق، سالقىن رايونلاردا ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېڭىزغا تېرىلغان قوناقلار كانايسىمان يېيىلىپ ئۆسۈشتىن ئاتىلىقى ئايرىلىشقىچە بولغان مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۆسۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇۋاتىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدە كېسەللىك، ھاشارات زىيىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوتتۇراھال، يېنىكرەك يۈز بېرىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىندى.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، شۇ جايغا ماس كېلىدىغان ئادەم ئىشلىتىش، ئىشچى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتى لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئېتىزغا بېرىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى «ئاشلىق» «كۆك - تاق» بىلەن تەمىنلەش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قىشلىق زاپاس كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئېشىپ كەتتى، ئېڭىزغا تېرىلغان قىشلىق زاپاس كۆكتات كۆلىمى 787 مىڭ موغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 137 مىڭ مو ئېشىپ، ئېڭىزغا تېرىش پىلانلانغان قىشلىق زاپاس كۆكتات كۆلىمىنىڭ %95.7 ىنى ئىگىلىدى، ئاساسلىقى بەسەي، سەۋزە، ياڭيۇ قاتارلىق ئون نەچچە خىل تۈر بار. بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئېڭىزغا تېرىلغان كۆكتات 496 مىڭ 300 مو بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 130 مىڭ مو كۆپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئېشىش نىسبىتى %35كە يەتتى. ھازىر، ھەرقايسى جايلار ئۆز يېرى، ئۆز رايونىنىڭ كىلىمات شارائىتى ۋە كۆكتات كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۈزلۈك، قىشلىق كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۈز، قىش پەسىللىك ئاساسلىق كۆكتات مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ تولۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى