تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سۇغۇرتىسى سىياسىتى چىقىرىلىپ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ

ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سۇغۇرتىسى سىياسىتى چىقىرىلىپ

ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۆلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سىياسىتى، سۇغۇرتا مۇلازىمىتى سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز يەككە سودا - سانائەتچىلەر ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەككە سودا - سانائەتچىلەر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا رەنىسىز، كېپىلسىز، 80 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن، مۇددىتى ئالتە ئاي ئىچىدە بولغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى بانكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى قەرز پۇل بازار باھاسى ئۆسۈم نىسبىتى (LPR) بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن %50 ئۆسۈم ياردىمى بېرىلىدۇ. بۇ سىياسەت 2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ئۇزارتىلىدۇ، ئالاقىدار قەرز پۇل ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل دىرى ۋە ئۆسۈمىنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بېرىلىدىغان ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ھەرقايسى بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش، تۇنجى قېتىم قەرز پۇل بېرىش، دىرىنى قايتۇرماي داۋاملىق قەرز بېرىش نىسبىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ھەم ئاشۇرىدۇ، خەۋپ - خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە، تۇنجى قېتىم قەرز پۇل ئالغان مۇئامىلىدارلار سانىنىڭ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا داۋاملىق قەرز پۇل بېرىش نىسبىتىنىڭ بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ، يېڭىدىن تارقىتىلغان ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بېرىلىدىغان قەرز پۇلنى يىل بېشىدىكى ئېشىش سۈرئىتىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا، قەرز قالدۇقى بار مۇئامىلىدارلار سانىنىڭ يىل بېشىدىكى سەۋىيەدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىلكىدىكى بەش چوڭ سودا بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بېرىدىغان قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %40تىن يۇقىرى بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ رۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرىدىكەن، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئوبوروتچانلىقى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا يولۇققان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار (يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا قەرز پۇل بېرىشتە قەرەلىنى ئۇزارتىش، داۋاملىق قەرز بېرىش قاتارلىق شەكىللەردە كارخانىلارغا بەلگىلىك مۇددەتتىكى دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىدىكەن.

«يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە كىرىم مەنبەسىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ قالغان شەخس ياكى كارخانىلارغا قارىتا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى قەرز قايتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىناۋەت خاتىرىسىنى يوللىسا بولىدۇ، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن ئالاقىدار قەرز پۇلنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلىك خاتىرىسى قالدۇرۇلمايدۇ» دېدى جاڭ رۇڭ.

سۇغۇرتا مۇلازىمىتى سىياسىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنى سۇغۇرتا تۆلىمى يېشىل يولى ئېچىپ، تۆلەم تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە زىيانغا ئۇچراپ سۇغۇرتا تۆلىمى كۆرۈلگەن يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تۆلەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق تۆلەم بېرىش، تېز تۆلەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ؛ يەككە سودا - سانائەتچىلەر سۇغۇرتىلاتقان بارلىق تىجارەت خاراكتېرلىك ئاپتوموبىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇغۇرتا كەسپىگە قارىتا، يۇقۇم مەزگىلىدىكى توختىتىلغان ۋاقتى بويىچە سۇغۇرتا مۇددىتىنى ئۇزارتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدۇ؛ يەككە سودا - سانائەتچىلەر يۇقۇم مەزگىلىدە سۇغۇرتىغا قاتناشسا، سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى