تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نۆۋەتچى ئايروپىلاندا «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش»، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش ئارقىلىق، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس ئايروپىلاندا «ئۇچۇپ» ئىچكىرى رايونلارنىڭ بازىرىغا كىردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئوۋ ۋېي، خۇاڭ جىڭ، سەي جىخاۋ، لى ليېجيەن خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر دەل شىنجاڭ مېۋىلىرى پىشىدىغان پەسىل، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسى. شىنجاڭدىكى مېۋىچى دېھقانلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بەس-بەستە «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» ھۆددە ئايروپىلانى، نۆۋەتچى ئايروپىلاندا يۈك توشۇش مەخسۇس بەنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئالاھىدە مېۋىلەرنىڭ ئىچكىرى رايون بازىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى تيەنيۈەن ماددىي ئەشيا شىركىتىنىڭ قەشقەر __ شىئەن «شىنمېي» ناملىق تولۇق يۈك بېسىلغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى يېقىندا تۇنجى قېتىم ئۇچقان، بۇ مۇددىتى بىر ئايلىق قەشقەر مېۋە ئاۋات پەسلى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مېۋە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا قارىتا، قەشقەر ۋىلايىتى مۇناسىپ ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويغان، قەشقەر ئايرودۇرۇمى قاتارلىق تارماقلار «مېۋە پەسلىدە پوچتىدا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېتىزلىقتىن، ئايرودۇرۇمدىن ئىچكىرى رايونلار بازىرىغا توشۇلۇشىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، 14.2 توننا شىنمېي قەشقەر ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلانغا قاچىلاندى.

  مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 14 قېتىم قەشقەر-شىئەن ھۆددە ئايروپىلانىدا شىنمېي توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان، توشۇش مىقدارى 240 نەچچە توننا بولغان، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يەنىلا ھەر كۈنى بىر-ئىككى نۆۋەت قەشقەر- شىئەن ھۆددە ئايروپىلانىدا توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ تىجارەت بۆلۈمى توشۇشنى ھۆددىگە ئالغان يۈكلەر ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىكى گۆش، مېۋە قاتارلىقلار ئىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، جەمئىي 40 توننىغا يېقىن شىنجاڭنىڭ گۆشى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا توپلىنىپ، ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىپ، ئاساسلىقى گۇاڭجوۋ، شاڭخەي، شىئەن، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا توشۇلىدىكەن.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروت شىركىتى شىنجاڭ سانجى تىجارەت بۆلۈمى سېتىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، توشۇش مەزگىلىدە، توشۇشقا ھاۋالە قىلغان گۆشلەرگە قارىتا ئەڭ قاتتىق سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنغان. نۆۋەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى توشۇشنى ھۆددىگە ئالغان گۆش تۈرلىرىدىن كالا گۆشى، قوش گۆشى، نيۇبەييېنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توشۇش مىقدارى بەش توننا ئەتراپىدا بولغان، كېيىنكى مەزگىللىك نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانىنىڭ بارا-بارا ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توشۇش مىقدارى ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ «شىنمېي ناملىق ئاۋىياتسىيە يۈك توشۇش ھۆددە ئايروپىلانى»دا جەمئىي 15.53 توننا يۈك توشۇلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىلدىن بۇيان، كورلا ئايرودۇرۇمى يۈك توشۇش كەسپىنى پائال كېڭەيتىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مېۋىلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولغان. ھازىرغىچە، بۇ ئايرودۇدۇمدا «كىچىك ئاق ئۆرۈك ناملىق»، «شوخلا ناملىق»، «شاپتۇل ناملىق»، «كاشتان، كاۋا ناملىق»، «شىنمېي ناملىق»، «قارا ئالقات ناملىق» قاتارلىق يۈك توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى ئېچىلغان، بۇ ئايرودۇرۇمدىن ئۇچقان 13 يۈك توشۇش ھۆددە ئايروپىلانىدا جەمئىي 65 توننا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى توشۇلغان، كېيىن يەنە «كۈزلۈك چىلان ناملىق»، «كورلا نەشپۈتى ناملىق»، «لۇرۇڭ ناملىق» نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئېچىلىشى مۇمكىن.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، غۇلجا ئايرودۇرۇمى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تۇنجى «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» ھۆددە ئايروپىلانى G54332نى كۈتۈۋالدى، 4894 توننا مېۋە قاتارلىق يۈكنى بېسىپ ئوڭۇشلۇق قوزغالدى.

  غۇلجا ئايرودۇرۇمى بىلەن خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى ھەمكارلىشىپ، «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئېچىپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» بوشلۇق كۆۋرۈكى قۇردى، تۇنجى «يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش» ھۆددە ئايروپىلانى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇچقان. بۇ ئايرودۇرۇم مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ پىشىش ۋاقتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاۋات پەسىلدىكى مېۋە توشۇش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى