تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ قاتناش تارماقلىرى ئەشيا ئوبوروتى، توشۇشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى): نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ پائال ياخشىلىنىشى بىلەن، شىنجاڭ قاتناش تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئىلمىي تەدبىر تەدبىر قوللىنىپ، ئەشيا ئوبوروتى، توشۇشنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماس ھالدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  يۇقۇم مەزگىلىدە، شىنجاڭ قاتناش تارماقلىرى تاشيول تورىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇھىم تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، تاشيول يۈك تىرانسىپورتىنىڭ توختاپ قالماسلىقى، ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى قاتناش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لۇ تاۋ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى تاشيولنى راۋانلاشتۇرۇش، يول ئەھۋالىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، يولدا خەتەردىن قۇتقۇزۇش، يولدا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپتىكى تاشيول يول تورىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تاشيول قاتناش تورى راۋان، قاتناش تەرتىپى ياخشى بولماقتا.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھەرقايسى جايلاردىكى قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرىنى ئاساسىي گەۋدە، قاتناش كارخانىلىرىنى تۈگۈن نۇقتا قىلغان پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يول تىرانسىپورتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، تاشيول يۈك تىراسىپورت ئاپتوموبىلىدىن 1500دىن ئارتۇقى تەييارلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆمۈر، توك، نېفىت-خىمىيە، ئاشلىق، كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇشنى چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆپلىگەن تاشيول يۈك تىرانسپورت كارخانىلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، كارخانىلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا، ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلغان، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەستايىل رەتلەپ، يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش، ئۈرۈمچىگە كىرىشىنىڭ تېز بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، مەشغۇلاتىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، شىنجاڭدا تاشيول يۈك تىرانسپورت مىقدارىدا 25 مىليون 62 مىڭ توننا تاماملانغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تىرانسپورت مىقدارى بىر مىليون 403 مىڭ 200 توننا بولغان. يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىرانسپورت يېشىل يولى ئاپتوموبىلىدىن 384 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، يول يۈرۈش ھەققىدىن 82 مىليون 129 مىڭ 200 يۈەن كېمەيتىلگەن ۋە كەچۈرۈم قىلىنغان.

  شىنجاڭ تۆمۈريولى تىرانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، يۈك مەنبەسىنى پائال قېزىپ، توشۇش كۈچىنى دەل جايىدا تەقسىملەپ، كۆمۈر، مېتال رۇدىسى، پاختا، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ماددىي ئەشيالارنى تېز قاچىلاپ، تېز توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  توشۇش كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۆمۈر، ئېلېكتىر كۈچى ۋە ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىستراتېگىيەلىك خېرىدارلاردىن خېرىدارلار ۋەكىلىنى ئەۋەتىپ، ئەشيا ئوبوروتى مەسلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتىدىكى ئېھتىياجىنى قېزىپ چىققان. يۇقۇم مەزگىلىدە، كۆمۈر، مېتال رۇدىسى، پاختا قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇش مىقدارىدا ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى