تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدىكى بىر قىسىم شەھەر، ناھىيەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم شەھەر، ناھىيەلەر دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قاتناش-تىرانسپورت، ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئاممىۋى مۇلازىمەت سورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈردى.

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى كۆنچى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدە ئۆزىنى ئۆزى سۈرەتكە تارتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى كۆنچى دەرياسى بويىدا سەيلە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى ئىتتىپاق شىمالىي يولىدا بازار چۆگىلىمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىدە، شەھەر ئاھالىلىرى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى سايباغ يولىدا، بىر توپ ئۆسمۈر يول بويىدا تېيىلىش تاختىسى تېيىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى مېۋە-چىۋە، كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىدا، بىر سودىگەر يايمىسىدىكى مېۋە-چىۋىلەرنى رەتلىمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جياڭنەن لىيۈەن ئولتۇراق رايونىدا، شەھەر ئاھالىلىرى سۈت سېتىۋالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

بۇ 8-ئاينىڭ 26-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى شەرقىي بايىن يولى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

بۇ 8-ئاينىڭ 26-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى شىمالىي ئىتتىپاق يولى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى