تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ: جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا تولۇق سوممىلىق تۇلۇقلىما بېرىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 35-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ رۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇكاپات، تولۇقلىما سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن:

  «جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارغا قارىتا، شۇ كىشى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى بويىچە تولۇق سوممىلىق تولۇقلىما بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار خادىملار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە قارىتا، شۇ كىشى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنىڭ يىغىندىسى بويىچە تولۇق سوممىلىق تولۇقلىما بېرىلىدۇ، تولۇقلىمىنىڭ مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىل بولىدۇ، تولۇقلىما ھەق ئاساس سانى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ جەمئىيەت ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %100ىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىچىدىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىما سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش مۇددىتى توشقان، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى يەنىلا ئەمەلگە ئاشمىغانلارنىڭ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش مۇددىتى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى