تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 35-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ رۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانا ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئۆي ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ: « 7-ئايدىن باشلاپ، دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈك بولغان تىجارەت خاراكتېرىدىكى ئۆينى ئىجارىگە ئالغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئۈچ ئايلىق ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ تىجارەتكە ئىشلەتكەن مۇلازىمەت كەسپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە قارىتا، ئىجارە بەرگۈچىنى ئىككى تەرەپ باراۋەر كېڭىشىش ئاساسىدا، ئۆي ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ياكى كېچىكتۈرۈپ ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ».
ئاساسلىق تىجارەت كەسپى ئۆي ئىجارىگە بېرىش بولغان دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلارغا قارىتا، ھەر دەرىجىلىك مالىيەمۇ مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىدۇ. «ھەر دەرىجىلىك باج تارماقلىرى يۇقۇم مەزگىلىدە يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئۈچۈن ئىجارە ھەققىنى كېمەيتكەن، كەچۈرۈم قىلغان سودا ئىشلىرى بىناسى، سودا ساراي، بازار ۋە كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىق ئىجارە بەرگۈچى تەرەپلەرگە قارىتا، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، ئەمەلىي كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان ئىجارە ھەققىنىڭ ئاي سانىغا ئاساسەن ئۆي-مۈلۈك بېجى، شەھەر-بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجىنى مۇناسىپ ساندا داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىدۇ» دېدى جاڭ رۇڭ.