تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئاغرىقلار رايونىدىكى يۇقۇمغا قارشى جەڭ خاتىرىسى | يۈزۈمدىكى بېسىلغان ئىزلارنى سىلىسام، كۆڭلۈم ناھايىتى ئەمىن تېپىپ قالىدۇ

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي مەركىزىنىڭ سېستراسى پۇ چيەن

  ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 23-كۈنى

  ئورنى: ئۈرۈمچى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 4-بىنا 12-ئاغرىقلار رايونى

يۈزىدە بېسىلغان ئىزلار قالغان پۇ چيەن

  بۈگۈن، بىز 4-بىنا 12-ئاغرىقلار رايونىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋالدۇق، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بۇ بىر ئاينى ئەسلىسەم، 1-بىنا 5-ئاغرىقلار رايونىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىم قەلبىمدە نۇرغۇن تەسىراتلارنى قالدۇردى.

  7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاغرىقلار رايونىغا تىزىملىتىپ كېلىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاغرىق بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن كۆپ يىنىك بولۇپ، ئەكسىچە ئۇلاردىكى جىددىيلىشىش ۋە ئەنسىرەش كەيپىياتى ئېغىر ئىدى.

  ئۇلار گەپ قىلمىسا، بىز ئامال تېپىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشىپ، ئاغرىقلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزدۇق. مەن ئاغرىقلارنى باشلاپ نەپەسلىنىش گىمناستىكىسى ئىشلەپ، كۆپچىلىكنىڭ نەپەسلىنىش بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدىم، بۇ ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماستىن، يەنە بالدۇرراق دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا ياخشى ئاساس سېلىش ئۈچۈن ئىدى.

  ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىش ئادەتتىمۇ ئاسان ئەمەس، يۇقۇمدەك بۇنداق پەۋقۇلئاددە ئەھۋالغا يولۇققاندا تېخىمۇ سالماق بولۇش كېرەك.

  ICUدىن يۆتكەپ كېلىنگەن بىر موماي مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۆزىدىكى ئاساسىي كېسەللىكلەر ئېغىر دەرىجىدە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، نەپەسلىنىش ماشىنىسىنى تاقىشى كېرەك ئىدى. كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇ ھەر كۈنى كۈندۈزى ئىككى سائەت تاقاپ، بىر سائەت دەم ئېلىشى، كېچىدە ئۇخلىغاندا ئېلىۋەتمەي  تاقىشى كېرەك ئىدى. موماي نەپەسلىنىش ماشىنىسى ماسكىسىنىڭ بىئارام قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، نېمىلا دېسەكمۇ تاقىغىلى ئۇنىمىدى.

  ئىلگىرىكى خىزمەتتە، ئاغرىقلارنىڭ ھېسسىياتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، مەن نەپەسلىنىش ماشىنىسىسنى تاقاپ سىناپ باققانىدىم، شۇڭا بۇ خىل بىئاراملىق تۇيغۇسىنى بىلەتتىم. باشقىلار قېرى كىچىك بالا دېيىشتى، ئادەم قېرىغاندا بالىدەك بولۇپ قالىدۇ، مەن كىچىك دوستقا گەپ قىلغاندەك، ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن مۇنداق دېدىم: «موما، بىز ئاۋۋال سىناپ باقايلى، پەقەت بەش مىنۇت تاقاپ بېقىڭ. بىئارام بولسىڭىز ئېلىۋېتەي، بولامدۇ؟» موماي گېپىمنى ئاڭلاپ ئوكسېگىن ماسكىسىنى تاقاشقا ماسلاشتى. شۇنداق قىلىپ بەش مىنۇت، 10 مىنۇت، يېرىم سائەت، بىر سائەت تاكى بىر كېچە تاقاشقىچە، موماي نەپەسلىنىش ماشىنىسىغا ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قالدى، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلاشقاچقا، ئۇ 10 كۈندىلا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

پۇ چيەن خىزمەتتە.

  دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەن يەنە بىر ئاغرىق، بىر كۈنى بىزگە شاكىلات يېگۈسى كېلىپ كەتكىنىنى ئېيتقانىدى. بىز ئامال قىلىپ تېپىپ ئەكىلىپ، ئورالما قېپىنى دېزىنفېكسىيەلەپ، ئۇنىڭغا بەردۇق. ئۇ كىچىك بالىدەك خۇشال بولۇپ كەتتى. شاكىلات تېپىش كېلىش گەرچە داۋالاش دائىرىسىدىكى خىزمەت بولمىسىمۇ، ئەمما پەقەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ئاغرىقنى خۇشال قىلىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەلىسەكلا، ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىدۇق.

   ئاتا-ئانامدىن بىر ئايدەك يوشۇردۇم، دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار بارغانسېرى كۆپەيگەندىن كېيىن، مېنىڭ ئۇلارغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتقۇم كەلدى. ئالدىنقى ئىككى كۈندە دادام، ئاپاملار بىلەن سىنلىق پاراڭلاشتىم، ئۇلار كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، يان تېلېفون ئېكرانىغا قاراپ داڭ قېتىپ قالدى، مېنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىمنى سورىدى، مەن ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېيتتىم. يۈزۈمدىكى كۆز قوغداش ئەينىكى، ماسكا قالدۇرغان ئىز ۋە سۇلۇق قاپارتقۇلارنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىدى، ئەمما مېنىڭچە، مەن ھەر ھالدا ياخشى، بۇ بىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ گۈزەل ئوردىنىمىز.

  ھەقىقەتەن، بەزىدە يۈزۈمدىكى بېسىلغان ئىزلارنى سىلىسام، كۆڭلۈم ئەكسىچە ناھايىتى ئەمىن تېپىپ قالىدۇ —— ھەممە بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسى بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتە.

  تىيانشان تورى مۇخبىرى يۈ مېڭفەن رەتلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى