شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا ئىچكى ئاجراتما كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى يۈەن لى
ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 17-كۈنى
ئورنى: ئۈرۈمچى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 4-بىنا
يۈەن لى
ئالدىراش ئىشلەۋاتقان يۈەن لى
ۋاقىت ئالدىراش، تەرتىپلىك خىزمەت بىلەن ناھايىتى تېز ئۆتۈۋاتىدۇ، مەن ۋە دوختۇرخانىدىكى 46 خىزمەتدىشىمنىڭ قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كەلگىنىمىزگە بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالدى.
بۈگۈن چۈشتە، ئاغرىقلار رايونىدا مۇزىكا قويۇلدى، كۆپچىلىك مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، بارا-بارا تېخىمۇ كۆپ ئادەم قوشۇلدى، بىر قىسىم ئاغرىقلار ئېچىلىپ ئويناشقا باشلىدى، بۇ چاغدا بىزنىڭ ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خەيشۈنىڭ چىقىشقاقلىقى بىلىنىپ قالدى، چۈنكى ئۇنى ئاغرىقلار سان ساناقسىز قېتىم بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناشقا تەكلىپ قىلدى.
كەچتە، كېچىلىك كېسەلخانا تەكشۈرىدىغان خىزمەتداشلار ھەربىر ئاغرىقنى ئەستايىدىل تەكشۈردى، 9-كارىۋاتتىكى تاغىمىز كۈلۈپ تۇرۇپ، سىلەرنىڭ چىرايىڭىلارنى ئېنىق كۆرەلمىسەممۇ، ئەمما ئۇخلاشتىن بۇرۇن سىلەرنىڭ يېقىملىق ئاۋازدا ئەھۋال سورىشىڭلارنى ئاڭلىسام، خاتىرجەم ئۇخلايمەن، دېدى. بۇ تاغىمىز بىر ۋاپادار ئوغۇل بولۇپ، دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن ھەر قېتىملىق دىياگنوز قويۇش، تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ئاپىسىغا تېلېفون بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى خەۋەر قىلاتتى، كېيىن ئاپىسىنىڭمۇ ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۇق، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا بىزنىڭ ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خەيشۈنى ئىزدەپ، ئاپىسىنىڭمۇ بىزنىڭ ئاغرىقلار رايونىغا كېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشتا قايسى بۆلۈمگە بېرىشنى دوختۇرخانا بىرتۇتاش تەقسىملەيتتى، ئەمما ۋاڭ خەيشۈ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرمۇبىر تېلېفون بېرىپ ئالاقىلىشىپ خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇردى، يەنە موماينىڭ دوختۇرخانىغا كىرىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىگە ياردەملىشىپ، كارىۋات ماسلاشتۇردى. ئەكىلىپ قويىدىغان خادىملار موماينى كېسەلخانىغا ئېلىپ كىرگەن ئاشۇ پەيتتە، موماي ھاياجانلانغىنىدىن يىغلاپ تاشلىدى. ئاپىسىنى كۆرگەن ئاشۇ دەقىقىدە ئاكىمىزنىڭمۇ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلدى، ئۇ ئاپىسىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ توختىماي ئاپىسىغا تەسەللى بەردى ھەم يىغلاپ تۇرۇپ بىزگە رەھمەت ئېيتتى...
موماينى بىر ياتاقتىكى 7-كارىۋاتقا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىز ئاكىمىزدىن موماينىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە داۋالاش ئىشلرىنى تەپسىلىي سورىدۇق، ھەربىر دوختۇر-سېسترا بۇ ئانا-بالىنىڭ كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بەردى. ئاكىمىز مىنەتدار بولغاندىن باشقا، يەنە مۇدىر ۋاڭ خەيشۈ ۋە بىزگە ئىنتايىن ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ ھەمىشە ئانىسىغا:«قورقماڭ، ئەنسىرىمەڭ، دوختۇرلارنىڭ داۋالىشىغا ياخشى ماسلاشسىڭىزلا چاتاق چىقمايدۇ» دەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاكتىپ داۋالاش ئارقىلىق، بۇ ئانا-بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولدى.
يۈەن لى (سولدىن 1-كىشى) ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا بىرگە كەلگەن داشۆدىكى ساۋاقدىشى خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
يۈەن لى (ئوتتۇرىدا) ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا بىللە كەلگەن داشۆدىكى ساۋاقدىشى خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
يىل بېشىدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش كەچۈرمىشىم مېنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىگە ئىگە قىلدى، تېببىي جەھەتتىن دىياگنوز قويۇش-داۋالاشتىن پىسخىكىلىق كۆڭۈل بۆلۈشكىچە، شەخسىي مۇداپىئەدىن دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەشكىچە، مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە ھەربىر ھالقىدىكى خىزمەتنى قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي ياخشى ئىشلىدىم. ھەر قېتىم بىر ئاغرىقنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقسا، كۆپچىلىك خۇشال بولۇشۇپ كېتەتتۇق؛ ھەر قېتىم بىر تۈركۈم ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندا بىزگە رەھمەت خەتلىرى ۋە تىلەكلىرى خاتىرىلەنگەن سىنلارنى قالدۇرۇپ كېتەتتى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلىنەتتۇق.
كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغىنى شۇكى، بۇ مەزگىلدە، يەنە ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن نۇرغۇن يىللارغىچە جەم بولۇپ باقمىغان داشۆدىكى ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق، ئۇلار ئاغرىقلار رايونىنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار ۋە ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇرلار ئىدى... بۇ قېتىمقى جەم بولۇشتا گەرچە كاتتا زىياپەت بولمىسىمۇ، ئەمما يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، بىز ياش ۋاقتىمىزدا ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش ھەققىدىكى قەسىمىمىزگە ئەمەل قىلغانلىقىمىزنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق!
ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن رەتلىگەن