تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر رېن خۇڭفاڭ، دېڭ لىجۈەن): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى كارخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىشقا تەشكىللىدى.
8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى(تەرەققىيات رايونى) شىنجاڭ خۇشېڭ مۇداپىئە جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار ماسكا، مۇھاپىزەت كىيىمى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى جىددىي ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى ما جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر كارخانىمىز 883 مىڭ دانە ماسكا، 242 مىڭ يۈرۈش بىر قېتىملىق مۇداپىئە كىيىمى، 80 مىڭ يۈرۈش ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقاردى». بۇ باغچە رايونى شىنجاڭ جيانىڭ رۇيكاڭ داۋالاش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، مۇخبىرلار ئوخشاشلا موتور ئايلىنىۋاتقان، ماشىنا گۈرۈلدەۋاتقان ئالدىراش مەنزىرىنى كۆردى، ئىشچىلار ئاقما لىنىيەدە جىددىي، تەرتىپلىك ھالدا ماسكا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، بىر قولدا ئىقتىساد تەرەققىياتىنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرلار توقسۇ ناھىيەسىدىكى ئەجرىم ئاچچىقسۇ پىششىقلاش زاۋۇتىغا كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى ئالدىراش مەنزىرىنى كۆردى، ئىشچىلار ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدە ئاچچىقسۇ پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
نۆۋەتتە، توقسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى كارخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، بازار ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.
شايار ناھىيەسىدىكى تۇنجى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەسلىھەلىك مېۋە، كۆكتات كەسپى بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ناھىيەنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك مېۋە، كۆكتات كەسپى بازىسى تۈرىدە 7-ئايدا ئىش باشلانغاندىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇلدى، ھازىر بۇ تۈر تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلماقتا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شايار ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى «1-نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى، زور سالماق، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلەرگە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
شايار ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر خۇ خەيۋېن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ناھىيەمىزنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما تۈرى 145 بولۇپ، سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 10 مىليارد 910 مىليون يۈەن، يىللىق سېلىنىدىغان مەبلەغ 5 مىليارد 956 مىليون يۈەن. تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز <نۇقتا، لىنىيە، دائىرە> خىزمەت مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتۇق».
كۇچا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى، يەنە بىر قولدا ئىقتىساد تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەركەز قىلىپ، تۈرلەرنى كۈچەپ پىلانلاپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كۆزلىمىنى، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلىدى.
شىنجاڭ شيېيى توقۇمىچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار يىپ ئېگىرىپ رەخت توقۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى، تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ كارخانا 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 405 ھاۋا پۈركۈپ توقۇش ماشىنىسى تۈرىنى يېڭىدىن ئىمزالىدى، بۇ تۈرگە جەمئىي 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، تۈرنىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. «بۇ تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى 600دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، مەھسۇلات قىممىتى 400 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، شيېيى توقۇمىچىلىقىدىكى %80 پاختا يىپنى ھەزىم قىلالايدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى شيې يىمېي.
ئاقسۇ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان ئاقسۇ ئوۋدىيا ساپال ۋە فارفۇر بويۇملار چەكلىك شىركىتىدىمۇ ئوخشاشلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئىشچىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.
كارخانىلار تەرتىپلىك ھالدا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتتى... ۋىلايەتتىكى ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسىدە ماشىنىلار توختىماي ئايلاندى، ھەرقايسى كارخانىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، بازار ئېچىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
(قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى)