تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئاغرىقلار رايونىدىكى يۇقۇمغا قارشى جەڭ خاتىرىسى | جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇپ، ئاغرىقلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش

  ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ۋۇ مېڭرۇ

  ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 22-كۈنى

   ئورنى: ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 4-بىنا 15-ئاغرىقلار رايونى

ۋۇ مېڭرۇ بىلەن شېڭ خۇانىڭ خاتىرە سۈرىتى.

  بىر مەيدان ئۇشتۇمتۇت يۈزبەرگەن يۇقۇم سەۋەبىدىن، مەن ۋە خىزمەتدىشىم شېڭ خۇا يەنە بىر قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ، ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندۇق.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشتا قېلىپلاشتۇرۇش، بىرخىللاشتۇرۇش ۋە جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئاغرىقلار رايونى مۇدىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى بۆلۈم، ئىشخانىلار ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس پەن ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇردى، جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكلىشىدە، ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە تىل تومۇرىغا بىرلەشتۈرۈپ جۇڭيى دورىسى رېتسىپى يازدۇق.

  جۇڭيى دورىسى قىرتاق بولغانلىقتىن، دەسلەپتە بىر قىسىم ئاغرىقلار دورا ئىچىشنى رەت قىلدى، ئەمما بىزنىڭ نەسىھەت قىلىشىمىز بىلەن، ئۇلار دەسلەپكى ئانچە خالىمىغان ھالدا قوبۇل قىلىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دورا ئىچىدىغان ھالەتكە ئۆتتى. ناھايىتى تېزلا، ئاغرىقلار رايونىدىكى ئاغرىقلار جۇڭيى دورىسىنى ئىچكەندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، بۇ جەريانمۇ ماڭا تېخىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

  كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەريانىدا، بىز جۇڭيىچە يىڭنە سانجىش ۋە داغلاشنى قوللىنىپ، ئاغرىقلار ۋە خىزمەتداشلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇردۇق.

ۋۇ مېڭرۇ بىلەن شېڭ خۇا جۇڭيىچە يىڭنە سانجىش ۋە داغلاشنى قوللىنىپ، ئاغرىقلار ۋە خىزمەتداشلىرىنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇردى.

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاغرىق ۋۇ لى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) سەزگۈر بەدەن بولغاچقا، كېچىچە قۇرۇق يۆتىلىپ ئۇخلىيالمىدى، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى ۋە تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ قوللانغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى، مەن ۋە شېڭ خۇا يىڭنە سانجىپ ۋە داغلاپ پەللە ئېلىش ئارقىلىق، ۋۇ لىنىڭ يۆتىلىنى پەسەيتىشكە ياردەم بەردۇق، ۋۇ لىنىڭ ئۇيقۇسى ياخشىلاندى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى قىينىغان تاماق گېلىدىن ئۆتمەسلىك مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى.

ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى چېڭ ياجۈن ۋە ئاغرىقلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  بۇ مەزگىلدە، ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى چېڭ ياجۈننىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز يەنە يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئاغرىقلار ۋە دوختۇر-سېسترالاردىكى قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش، قەۋزىيەت، بويۇن، بەل، پۇت ئاغرىش، بەلباغسىمان قاپارتما قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردۇق. ئاغرىقلارنىڭ سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتسە، خۇشاللىقىدىن چارچاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى.

  بۇ يەردىكى كۈنلەردە، مەن جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى سېھرىي كۈچىگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا قارشى جەڭدە جۇغلىغان جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىكى تەجرىبىلەر مېنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىمدە قىممەتلىك بايلىق بولۇپ قالىدۇ.

  تىيانشان تورى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي رەتلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى