تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىۋاتقاچقا، چىشىدا جەم بولالمىغان ئەر دوستلار چەمبىرىكىدە خوتۇنىغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز رېن چۇنشياڭ خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، چىشى بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، خىزمەتدىشىنىڭ مۇنداقلا دېگەن بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلاپ، سېسترا زېڭ لىنيەن چىشى بايرىمىغا ئاز قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى. «ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىمەن» دېدى زېڭ لىنيەن.

  زېڭ لىنيەن ۋە ئېرى ليۇ چياڭ ئىككىيلەننىڭ بىرى ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 4-بىنا 7-ئاغرىقلار رايونى ICU3تە سېسترالىق قىلىۋاتاتتى، بىرى ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان دوختۇر ئىدى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئۇلار ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر كۈنى پەقەت تېلېفون ياكى سىن ئارقىلىق ئۆزئارا ئەھۋال سورىشىپ، بىر-بىرىگە مەدەت بەردى.

  گەرچە چىشى بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما 8-ئاينىڭ 19-كۈنى «جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى» كۈنى، زېڭ لىنيەن ليۇ چياڭغا بىر چوڭ قىزىل بولاق ئەۋەتكەنىدى، ليۇ چياڭ بولسا خوتۇنىنىڭ ۋەزىپىسىنى تېزراق تاماملاپ، ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئۇ توردىن ئالايىتەن بىر بىلەيزۈكنى ئالدىن زاكاز قىلىپ، كۈتۈۋېلىش سوۋغىسى قىلماقچى بولدى. ئۇ دوستلار چەمبىرىكىگە مۇنداق يازغانىدى: «كۆڭلۈمدە قەھرىمان بولۇشنى ئويلاپ كەلگەنىدىم، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم مەن قەھرىماننىڭ ئائىلە تەۋەلىكى بولۇپ قالدىم».

خىزمەتتىكى زېڭ لىنيەن. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  ئۇ ئوغرىلىقچە تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يېشىنى سۈرتۈۋېتىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا خوتۇنىنى ئۇزىتىپ قويدى

  يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئىككى بالىنى چوڭلارنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا تاپشۇرۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلدى.

  ليۇ چياڭ ئېغىر ئاغرىقلارنى كۆزىتىش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولۇپ، دوختۇرخانا ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى بېكىتىلگەن قوبۇل قىلىپ داۋالاش دوختۇرخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇم مەزگىلىدە، ICUدىكى ئادەتتىكى داۋالاش خىزمىتىدىن باشقا، ئۇلار پۈتۈن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇشقا مەسئۇل بولدى، ۋەزىپە ئېغىر، خىزمەت مىقدارىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن بىللە، ئۇلار يەنە ئاغرىقلار ۋە ئائىلە تەۋەلىرىگە بولغان ئادىمىيەت غەمخورلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ئىدى، ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى يوقلاشقا ئامالسىز قالغاندا، ئۇ ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلار بىلەن تېلېفونلىشىپ، ۋېيشىندا ئۇچۇر يوللاپ، كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بەردى.

  زېڭ لىنيەن جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى بولۇپ، 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇ ئاھالىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىگە ئاجرىتىلىپ، ھەركۈنى ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلاردا قاتراپ يۈردى. مەركەزلەشتۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىشتىن باشقا، يەنە ياشانغانلار ياكى كارىۋاتتىكى ئاغرىقلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئەۋرىشكە ئالدى، بۇ مەزگىلدە ئۇ دائىم بىنالارغا چىقىپ چۈشۈشى كېرەك ئىدى، بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن كېيىن ئۇنىڭ پۇتىدا كۈچمۇ قالمايتتى.

زېڭ لىنيەن ۋە ئۇنىڭ مەدەت تاختىسى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  7-ئاينىڭ 30-كۈنى، زېڭ لىنيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ليۇ چياڭ ئالايىتەن يېرىم كۈن رۇخسەت سوراپ، خوتۇنىغا كۆپرەك ھەمراھ بولماقچى بولدى.

  «ئەر-خوتۇن ئىككىلىمىز پارتىيە ئەزاسى، ئىككىلىمىز بىرىنچى سەپكە بېرىپ جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى يازغان. مەن خوتۇنۇمنىڭ خىزمىتىنى قوللايمەن، ئۇنىڭ قارارىنى تېخىمۇ قوللايمەن، سېسترالار باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ‹جەڭگە ئاتلىنىش›تىن باش تارتىپ بولمايدۇ. ئەمما  ھەقىقىي ئۇزىتىپ قويىدىغان چاغدىلا كۆڭلۈمدە يەنىلا سەل ئەنسىرىدىم». خوتۇنى مېڭىش ئالدىدا، ئۇ ئوغرىلىقچە تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كۆز يېشىنى سۈرتۈپ، كەيپىياتى تىنچلانغاندىن كېيىن خوتۇنىنى كۈلۈمسىرەپ ئۇزىتىپ قويدى، «ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۇنى قوللاپ، ئۇنى ‹جەڭ مەيدانى›غا خاتىرجەم ماڭدۇرۇشۇم كېرەك».

  كەسپىي ماھارىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشتە ئېرى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلاندى

  8-ئاينىڭ 1-كۈنى، زېڭ لىنيەن ئاغرىقلار رايونىدا رەسمىي خىزمەتكە كىرىشتى، ئاغرىقلار رايونىدا خەتەرلىك ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرى بولۇپ، بەزى ئاغرىقلارنى كېكىردىكىگە نەيچە كىرگۈزۈپ، نەپەسلىنىش ماشىنىسىنىڭ ياردىمىدە نەپەسلەندۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇ پەرۋىش خىزمىتىنىڭ سېسترالارنىڭ كەسپىي تېخنىكىسىغا قويىدىغان تەلىپى نىسبەتەن يۇقىرى ئىدى. گەرچە ئالاقىدار كەسپىي تەربىيەلەشكە قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كەسپىگە ئوخشىمايتتى، تۇنجى قېتىم نەيچە كىرگۈزۈلگەن ئاغرىقنى دۈم ياتقۇزۇپ ئۆرىگەندە ياخشى قىلالماي، ئۆزىنى ئەيىبلەپ كەتكەنىدى.

  «ئالاھىدە جەڭ مەيدانىدا، مەن چوقۇم ئۆزۈمنى تېزدىن تەڭشىشىم كېرەك، كەسپىي ماھارىتىمنى تېز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پىششىق تاماملىشىم كېرەك». ئۇ ھەر قېتىم ئىشقا چىققاندا ئالدىن يېتىپ بېرىپ، خەتەرلىك ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ ھالىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەۋەر ئېلىپ، كەسپىي سەۋىيەسىنى تېزرەك ئۆستۈرمەكچى بولدى.

  ئېرى ICU دوختۇرى بولغاچقا، بۇ كىچىككىنە ئۈستۈنلۈكتىن زېڭ لىنيەن ئىنتايىن خۇشال ئىدى، ئۇ ھەر قېتىم ليۇ چياڭغا تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سوراپ: نەپەسلىنىش ماشىنىسىدىكى ھەرخىل پارامېتىرلارنى قانداق ئىگىلەش، دۈم ياتقۇزۇپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆگەندى ... ئادەتتە ليۇ چياڭ ئۇنى «زېڭ مۇئەللىم» دەپ چاقىرىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئەمما ئاغرىقلار رايونىدىكى بۇ مەزگىلدە، ئۇ ئەكسىچە ليۇ چياڭنى «ليۇ مۇئەللىم» دەپ چاقىردى.

تۇرمۇشتىكى زېڭ لىنيەن ۋە ئېرى ليۇ چياڭ. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  كەسپىي جەھەتتىن مەسلىھەت سوراش، ئائىلىدىكى ئىشلار  توغرىسىدا پاراڭلاشقاندىن سىرت، زېڭ لىنيەن ليۇ چياڭغا ئۆزى بىلەن ئاغرىقلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىشكە ئامراق ئىدى. ھېلىقى 60 نەچچە ياشلىق ھەدىسى ئىنتايىن ئۈمىدۋار، ھەمىشە كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدۇ، ھەر قېتىم كېسەلخانىغا كىرىپ ئۇنىڭ كارىۋىتىنى رەتلىگەندە، ئۇ ئۇلارنى تېز ئولتۇرۇپ دەم ئېلىشقا ئۈندەيدۇ؛ ھېلىقى 40 ياشلىق ئەر ئاغرىققا ئالدىنقى مەزگىلدە ئىزچىل نەيچە سانجىقلىق بولۇپ، ھازىر كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ كارىۋاتتىن چۈشكەن، سېسترانىڭ مۇداپىئە كىيىمىگە سىزىلغان كارتون توشقاننى كۆرگەندە، ئۇمۇ سېستراغا بىرنى سىزىپ بەرگەن ...

  «ھەر قېتىم ئاق رەڭلىك مۇداپىئە كىيىمىنى كىيگەندە، ئۆزۈمنى تولۇق قوراللانغان جەڭچىدەك ھېس قىلىپ، كۆڭلۈمدە ئاغرىقلارنى ئوبدان پەرۋىش قىلىشنى ئويلايمەن؛ ھەر قېتىم خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرگەندە ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىپ كېتىمەن، قانچىلىك جاپا تارتساممۇ ئەرزىيدىغاندەك ھېس قىلىمەن» دېدى زېڭ لىنيەن. ئېرى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللىغاچقا، ئۇ خىزمىتىدىن ئېرىشكەن ئۇتۇق تۇيغۇسىنى ئۇنىڭ بىلەن ھەمبەھىرلەنمەكچى بولاتتى.

تۇرمۇشتىكى زېڭ لىنيەن ۋە ئېرى ليۇ چياڭ. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  ھەر يىلقى چىشىنى بىرگە ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى بۇ يىلقى بايرامنى ئۇنتۇپ قالدى

  20 نەچچە كۈندىن بۇيان، پەقەت ليۇ چياڭ دىجورنىلىك قىلمىسىلا، ئىككىيلەن ھەركۈنى دېگۈدەك تېلېفونلىشىپ، بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، بىر-بىرىگە تاپىلاپ، بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈردى.

   زېڭ لىنيەننىڭ خىزمەتدىشىنىڭ مىجەزىنىڭ يوقلۇقىنى ئاڭلاپ، ليۇ چياڭ ئۇنىڭغا: «سىز دېگەن يېتەكچى، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، شۇنىڭدەك خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ھالىدىنمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىڭ» دەپ تاپىلىدى. زېڭ لىنيەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى، نەپەسلىنىش ماشىنىسى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ليۇ چياڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولۇپ، ئۇنى رىغبەتلەندۈردى. زېڭ لىنيەنمۇ ليۇ چياڭغا كۆڭۈل بۆلەتتى، خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا تاماقنى ياخشى يېگەن-يېمىگەنلىكى، ئۇيقۇسىنى تولۇقلىيالىغان-تولۇقلىيالمىغانلىقىنى سورايتتى.

  ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا 11 يىل بولغان بولۇپ، زېڭ لىنيەننىڭ نەزەرىدە ليۇ چياڭ رومانتىك، مۇراسىم تۇيغۇسىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشى ئىدى، ھەر يىلقى چوڭ-كىچىك بايراملارنى بىر ئائىلە كىشىلىرى تەبرىكلەپ كەلگەنىدى، ئەمما بۇ يىل ئىككىيلەنلا يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چىشى بايرىمىنى ئۇنتۇپ قالدى.

  ئەمەلىيەتتە، زېڭ لىنيەن تۇنجى كۈنى ئاغرىقلارغا رايونىغا خىزمەتكە كىرگەندە، ليۇ چياڭ توردا بىلەيزۈكتىن بىرنى تاللاپ زاكاز قىلىپ قويغان بولۇپ، قەھرىماننىڭ قايتىپ كېلىش سوۋغىسى قىلماقچى بولغانىدى. ئۇ يەنە دوستلار چەمبىرىكىگە: «كۆڭلۈمدە قەھرىمان بولۇشنى ئويلاپ كەلگەنىدىم، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم مەن قەھرىماننىڭ ئائىلە تەۋەلىكى بولۇپ قالدىم» دەپ يوللىغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلەيزۈك سېغىنىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مەن يۇقۇمنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى، ئۆز قولۇم بىلەن ئۇنىڭغا تاقاپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر، مېنىڭ قىلالايدىغىنىم ئۇنى قوللاش، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش، ئۇنىڭ قەيسەر ئارقا تىرىكى بولۇشتىن ئىبارەت».

  ئېرى توغرىسىدا، زېڭ لىنيەن مۇنداق دېدى: «ئۇ مېنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوللىغاچقىلا، مەن پۈتۈن زېھنىم بىلەن خىزمەت قىلالىدىم».

  خوتۇنى توغرىسىدا، ليۇ چياڭ مۇنداق دېدى: «ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگەندە، مەن ھەر كۈنى ئۇنىڭغا ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بېرىشكە تىرىشىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى