تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

رەھمەت خەتلىرى ئارقىلىق تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبان قەلبىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى

ە

8-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4-بىنا 9-ئاغرىقلار رايونىدا، بىر ئاغرىق ئۇچۇر تاختىسىغا رەھمەت خېتىنى چاپلىماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى: سۇ لۇپىڭ، چاۋ جىن

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ ئىلمىي قۇتقۇزۇپ داۋالىشى ۋە ئىنچىكە پەرۋىش قىلىشى بىلەن، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلار بىر-بىرلەپ خەتەردىن قۇتۇلدى، ئاغرىقلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. بىر ئايدىن كۆپرەك داۋالاش جەريانىدا، دوختۇر-سېسترالارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇلارنىڭ ئىشەنچى قايتىدىن تۇرغۇزۇلدى، ئۇلار كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى بىر پارچە رەھمەت خېتىگە ئايلاندۇرۇپ، ھاياتلىققا ھۆرمەت بىلدۈردى، تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ ئەسلىي مەقسىتىگە ھۆرمەت بىلدۈردى، شۇنداقلا تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتتى.

«خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»كە ئېھتىرام

«ۋىرۇس رەھىمسىز بولسىمۇ، كىشىلەر رەھىمدىل، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، كۆيۈنگەنلىكىگە رەھمەت، دوختۇر-سېسترالارنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىگە رەھمەت». بۇ، ھەربىر پارچە رەھمەت خېتىدە ئاغرىقلار ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان بىر جۈملە سۆز ئىدى.

فېڭ خانىم بېكىتىلگەن دوختۇرخانا قوبۇل قىلىپ داۋالىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق بولۇپ، دوختۇرخانىغا كىرگەن كۈنى نەپەسلىنىشى زەئىپلەشكەنىدى. كانىيىغا نەيچە كىرگۈزۈپ نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ياردىمىدە نەپەسلەندۈرۈپ، ساپ ئوكسىگېن سۈمۈرتكۈزگەن بولسىمۇ، ئوكسىگېننىڭ بىرىكىشىنى ساقلاش تەسكە چۈشكەنىدى. بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشى ئارقىلىق، فېڭ خانىم بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى تۇنجى ECMO ئاغرىقى بولۇپ قالدى.

 دوختۇر-سېسترالارنىڭ ئۇدا ئون نەچچە كۈن 24 سائەتلەپ كۆزىتىشى ئارقىسىدا، فېڭ خانىمنىڭ كېسىلى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى، ھازىر دەسلەپكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىۋاتىدۇ.

ھەر بىر ھاياتلىقتىن ۋاز كەچمەسلىك. بېكىتىلگەن دوختۇرخانا كۆپ پەن مۇتەخەسسىسلىرى كوللېكتىپ «تومۇر تۇتۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «ئاخىرقى قارارنى چىقىرىش»قا كاپالەتلىك قىلدى. دۆلەتلىك تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكەلدى، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

تېخى دوختۇرخانىدىن چىقمىغان فېڭ خانىم دوختۇر-سېسترالارغا رەھمەت خېتى يازدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سىلەر ‹خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش› ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مېنىڭ قاتمۇقات قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشۈمگە ياردەم بەردىڭلار».

«ئۆزىنى بېغىشلاش، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش»كە ئېھتىرام

«مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، پىژغىرىم ئىسسىققا بەرداشلىق بېرىپ داۋاملىق خىزمەت قىلىۋاتقان دوختۇر-سېسترالارنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇشتىن ۋاز كېچىپ، يېنىمىزدا چىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ھۆرمىتىم قوزغالدى» 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، دوختۇرخانىدىن چىقىش ئالدىدا، ئاغرىق لى ئەپەندى ئۆز قولى بىلەن يازغان بۇ رەھمەت خېتىنى سېسترالار پونكىتىغا قويۇپ قويدى.

لى ئەپەندىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن كىشىنىڭ ئىسمى لى ياۋدۇڭ بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا يۈرەك كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ قوزغاتقۇچى ئېلېكترو فىزىئولوگىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىدى، ئۇ يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بىرىنچى سەپكە ئىلتىماس قىلىپ كەلگەنىدى.

تەشۋىشلىنىش، پىسخىكا بېسىمى ئېشىپ كېتىش، داۋالاشقا قارىتا قارشىلىشىش كەيپىياتىدا بولۇش، ئۇنىڭسىزمۇ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى بار بولغاچقا، لى ئەپەندى بىر مەھەل تەم سەزگۈسىنى يوقاتقانىدى. لى ياۋدۇڭ داۋالاشتىن سىرت ۋاقىتلاردا لى ئەپەندىگە پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنى كېسەلخانا سىرتىدا كۆپچىلىك بىلەن بىللە چېنىقىشقا ئىلھاملاندۇردى. «مەن باشتا رەت قىلغان ئىدىم، كېيىن ئۇنىڭ سەمىمىيىتى ۋە سەۋرچانلىقىدىن تەسىرلەندىم.» لى ئەپەندىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققىنى شۇكى، بىرنەچچە كۈن مەشىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشىلىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ناھايىتى تېز ئەسلىگە كەلدى، تەم سەزگۈسىمۇ ئەسلىگە كەلدى.

«مېنىڭ نەزەرىمدە، لى دوختۇر ئاكتىپ، ئۈمىدۋار ئادەم، ھەر كۈنى كۈلۈمسىرەپلا يۈرىدۇ. بىر قېتىم پاراڭلىشىۋېتىپ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى بىلدىم، ئۇمۇ دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالماي خىجالەتچىلىكتە يۈرگەنىكەن» لى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئاغرىقلار ئالدىدا، ئۇلار كىشىلەرگە نامەلۇم قىيىنچىلىقلىرىنى بىلىندۈرمەي يۈردى».

زور يۇقۇم ئەينەككە ئوخشايدۇ، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنىڭ شەخسىيەتسىزلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى ئۇنىڭدا نامايان بولىدۇ. كەڭ تېببىي خادىملار كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇدا كۈرەش قىلىپ، قان ھەم گۆشتىن تۈزۈلگەن تېنى بىلەن «جەڭگىۋار قورغان» قۇرۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ «ئۆزىنى بېغىشلاش، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش» روھى ئاغرىقلارغا قايتىدىن ئۈمىد ئاتا قىلدى.

يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ئېھتىرام

«يۇقۇمنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى، بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ  ئۆيىگە قايتمىغىنىغا ئۇزاق بولغان ‹جەڭچى›لەرنىڭ بالدۇرراق قايتىپ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن جەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاغرىق ۋاڭ خانىمنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇنقى يۈرەك سۆزى ئاغرىقلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن شۇ پەيتتە، ئىلاجىسىز قالغان، ساراسىمىگە چۈشكەن ۋاڭ خانىم كېچىچە ئۇخلىيالمىغانىدى. «دوختۇر-سېسترالار كۈن بويى ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇپ يۈردى، ئوكۇل سالدى، دورا ئىچكۈزدى، دېزىنفېكسىيەلىدى، قان ئالدى، تاماق ئەكەپ بەردى، ياتاق تەكشۈرگەندە، توختىماي ئىلھام بېرىپ ئەھۋال سوراپ تۇردى، كۆڭلۈم ئاستا ـ ئاستا تىنچلاندى».

يېقىندا، ئۈچ مىنۇتلۇق قىسقا سىن، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى دوختۇر-سېسترالارنىڭ يان تېلېفونىدا كەڭ تارقالدى. سىنغا ئالغۇچى پات ئارىدا دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان بىر ئاغرىق بولۇپ، ئۇ ئاغرىق رايونىدىكى دوختۇر-سېسترالارنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان سىيماسىنى خاتىرىلىۋالغانىدى.

«ساغلاملىقتا رىشتە باغلايمىز، ھاياتلىققا تىرەك بولىمىز. تېببىي خىزمەتچىلەر يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر، شۇنداقلا بىزنىڭ ئىشىنىشىمىزگە ئەڭ ئەرزىيدىغان كىشىلەر» سىن ئالغۇچى ئاغرىق مۇنداق دېدى: «سىن ئېلىشتىكى مەقسىتىم، بىرىنچىدىن، بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارغا مەدەت بېرىش، ئىككىنچىدىن، ئۆزۈم ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ بىز ئۈچۈن جېنىنى تىككەن كىشىلەرنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشىمىز ئۈچۈندۇر».

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى