تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ جياڭيەن، ۋاڭ جوۋ): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، ئىشسىزلارنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قايسى سىياسەتلەر ئىشسىزلارنى تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؟ يۇقۇم مەزگىلىدە، ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى قانداق ئىلتىماس قىلىپ ئالىدۇ؟ ئىشسىزلارنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى مەسىلىسىگە قارىتا، 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ خېڭيىنى زىيارەت قىلدى.

  مۇخبىر: يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بىر قىسىم ئىشسىزلارنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز؟

  تاڭ خېڭيى: يۇقۇمنىڭ ئىشسىزلارغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىز تەمىنات ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، تارقىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كاپالەتنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلدۇق. كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك:

  1. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈش

  2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %90ىگە ئۆستۈرۈلۈپ، ھەر ئايدىكى 1055 يۈەندىن 1117 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.

  2. چوڭ ياشتىكى ئىشسىزلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى ئېلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش

  2019-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ يەنىلا ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشى بىر يىلغا توشمىغان ئىشسىزلارغا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقىچە داۋاملىق تارقىتىلىدۇ. تارقىتىش ئۆلچىمى ھەر ئايدا 1117 يۈەن.

  3. ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىنى باسقۇچلۇق تارقىتىش

  2020-يىلى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى ئېلىش مۇددىتى توشقان، تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىشسىزلارغا قارىتا، سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغىنىغا بىر يىل بولمىغان ئىشسىزلار ياكى شەخسىي سەۋەب تۈپەيلىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى توختاپ قالغان ئىشسىزلارغا ئالتە ئايلىق ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغىنىغا بىر يىل بولغانلارغا ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى بۇ يىلقى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنىڭ %80ى بويىچە يەنى ھەر ئايدا 894 يۈەن تارقىتىلىدۇ؛ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغىنىغا بىر يىل بولمىغانلارغا ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى بۇ يىلقى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنىڭ %50ى بويىچە، يەنى ھەر ئايدا 559 يۈەن تارقىتىلىدۇ.

  4. كاپالەت دائىرىسىنى باسقۇچلۇق كېڭەيتىش

  2020-يىلى 5-ئايدىن 12-ئايغىچە، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن سۇغۇرتىغا قاتناشقىنىغا بىر يىل توشمىغان ئىشسىز دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ئاي بويىچە ئۈچ ئايلىق ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلىدۇ. تارقىتىش ئۆلچىمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىدۇ، يەنى ھەر ئايدا 650 يۈەن تارقىتىلىدۇ.

  مۇخبىر: يۇقۇم مەزگىلىدە، ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئېلىشنى قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟

  تاڭ خېڭيى: يۇقۇم مەزگىلىدە، بىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدۇق.

  بىرىنچى، توردا تەمىناتنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇچراشماسلىق مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئىشسىزلار «شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالىتى (新疆智慧人社)» يان تېلېفون APP دېتالىنى چۈشۈرۈش ياكى «دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى» بىر تۇتاش كىرىش ئېغىزى ئارقىلىق كىرىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ۋە ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  ئىككىنچى، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئازايتىش. بېجىرىش تەرتىپىدىكى ئىشسىزلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ياكى كىملىكىگە ئاساسەن سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدا تەمىناتنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى بىكار قىلىش ئىسپاتى ۋە ئىشسىزلىقنى تىزىملاش ئىسپاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەمىنلىشى ھاجەتسىز.

  ئۈچىنچى، ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمان بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن، لېكىن ۋاقتىدا بېجىرەلمەيدىغان ئىشسىزلارنىڭ ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش مۇددىتى 90 كۈن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتى تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەندىن كېيىن تولۇقلاپ تارقىتىلىدۇ.

  تۆتىنچى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىپ، «قاچان ئىلتىماس قىلسا شۇچاغدا تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ بولغان ھامان تېزدىن تارقىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 古丽波斯坦·吾拉木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل