تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىدائىي شى شياۋباۋ: كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆزىگە خۇشاللىق بېغىشلاش

    ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ/ سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن): ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) بېيجىڭ يولى شىنجىڭيۈەن ئولتۇراق رايونى 1-بىنا 4-دەنيۈەن ئاھالىلەر ۋېيشىن توپىدا، كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ كۆپ چاقىرىدىغىنى پىدائىي شى شياۋباۋ، «48 ياشقا كىردىم، بىنادىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان تاغا، ھەدىلەرگە سېلىشتۇرغاندا مەن تېخى ياش» دېدى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ خىزمەتچىسى شى شياۋباۋ.

  7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئولتۇراق رايوننىڭ پىدائىيلىق خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، ئۇ شىنجىڭيۈەن ئولتۇراق رايونى 1-بىنا 4-دەنيۈەن ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادىمىگە ئايلاندى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شى شياۋباۋ ھەر كۈنى دەنيۈەن ئىشىكى بىلەن قورۇ ئىشىكى ئارىسىدا 20 قېتىمدىن كۆپ قاتراپ يۈرۈپ ئىككى كىلوگرام ئورۇقلاپ كەتتى. «قىزىم سىرتتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئۆيدە خوتۇنۇم ئىككىمىزلا بار، مەن مۇشۇ دەنيۈەندىكى ئەڭ ياش پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ پىدائىيلىقنى چوقۇم ياخشى قىلىشىم كېرەك» دېدى شى شياۋباۋ.

8-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاھالىلەرنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە، شى شياۋباۋ پىدائىي بولۇش سۈپىتى بىلەن نەق مەيداندا كۆپچىلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى.

  ئولتۇراق رايوندا ئاھالىلەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم كۆكتات سېتىۋالاتتى، ئاھالىلەر ئېھتىياجىنى توپقا يوللىسا، شى شياۋباۋ باشقا پىدائىيلار بىلەن بىللە بېرىپ سېتىۋالاتتى. «ھەر قېتىم نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ <يەنە ئالىدىغان نېمە بار، مەن ئەكىرىپ بېرەي> دەيدۇ، ئاۋارىچىلىقتىن ئازىراقمۇ ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ، نۇرغۇن ئاھالىلەر بىزگە ئۇچۇر يوللاپ ئۇنى ماختايدۇ» دېدى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ئەرگۇڭ كوچا باشقارمىسى شياۋشىگۇ مەھەللىسىنىڭ كادىرى ئارزۇگۈل ياسىن.

  4-دەنيۈەندىكى 28 ئاھالىگە مەسئۇل بولغاندىن باشقا، شى شياۋباۋ يەنە مەھەللە پىدائىيلار ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، دائىم مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىشى، دورا سېتىۋېلىشى قاتارلىق ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە ئالتە قېتىم سىرتقا چاپتى. 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئولتۇراق رايوندىكى بىر ياشانغان كىشىنىڭ كىچىك تەرىتىدىن تۇيۇقسىز قان كەلدى، مەھەللە شى شياۋباۋغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە ياشانغان كىشىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىش توغرىسىدا تېلېفون قىلدى. «بوۋاينى ئېلىپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا باردىم، بوۋايغا ھەمراھ بولۇپ Bچاۋ تەكشۈرۈشى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دوختۇر مەسىلە چوڭ ئەمەس دېدى، ئولتۇراق رايونغا قايتىش يولىدا ياشانغان كىشى ماڭا نۇرغۇن رەھمەت ئېيتتى، مەن بەك خۇشال بولدۇم، ھەر قانچە چارچىساممۇ ئەرزىيدۇ» دېدى شى شياۋباۋ.

  ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 7:00دە، شى شياۋباۋ ئۆيمۇئۆي مېڭىپ ئەخلەت يىغىدىغان چاغدا، ئاھالىلەر ئەخلەت خالتىسىنىڭ ئېغىزىنى چىڭ چىگىپلا قالماي، نۇرغۇن ئاھالە خالتا ئۈستىگە قەغەز چاپلاپ، «رەھمەت، جاپا چەكتىڭىز» دېگەنلەرنى يېزىپ، تەبەسسۇم ئىپادىسىنى سىزىپ قويدى، ئاھالىلەر بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

  «بۇ قېتىمقى پىدائىيلىق كەچۈرمىشى مېنى چىن قەلبىمدىن خۇشال قىلدى، مەن كونا ئەسكەر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەسلىي مەقسەتنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇمايمەن. يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، يەنە پىدائىيلىق خىزمىتىمدە چىڭ تۇرىمەن» دېدى شى شياۋباۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ