تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇم كۆرۈلمىگەن ئولتۇراق رايونلاردا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى تەدرىجىي تەڭشەيدۇ

   تىيانشان تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى باھالاش ئارقىلىق، شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ داۋانچىڭ رايونى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى، گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايون(ناھىيە)دىكى بارلىق ئولتۇراق رايون ۋە مىدۇڭ رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى )، سايباغ رايونى، شىمىگۇ رايونى، تىيانشان رايونىدىن ئىبارەت ئالتە رايوندىكى يۇقۇم كۆرۈلمىگەن قىسمەن ئولتۇراق رايونلاردا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى تەدرىجىي تەڭشەيدىكەن.

   داۋانچىڭ رايونى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى، گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايون(ناھىيە)دىكى بارلىق ئولتۇراق رايون ۋە مىدۇڭ رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)، سايباغ رايونى، شىمىگۇ رايونى، تىيانشان رايونىدىكى يۇقۇم كۆرۈلمىگەن قىسمەن ئولتۇراق رايونلاردا تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايون ئىچىدە توپلاشماي شەخسىي پائالىيەت قىلسا بولىدۇ. ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان تاللا بازىرى، قولايلىق ماگىزىن، مېۋە-كۆكتات دۇكىنى قاتارلىقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرگە قارىتا شەخسىي تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ. ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا پائالىيەت قىلغاندا شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشى، ماسكا تاقىشى كېرەك، باشقىلار بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلىشى، توپلاشماسلىقى، يىغىلماسلىقى، ئۆي ئارىلىماسلىقى كېرەك. ئولتۇراق رايون خىزمەتچىلىرى ئولتۇراق رايون ئىچىنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئادەملەر پائالىيەت قىلىدىغان رايوننى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئالتە قېتىم تازىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك.

   شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى تەڭشەشكە بولىدىغان يۇقۇم كۆرۈلمىگەن ئولتۇراق رايونلاردا ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ ئۆلچەم بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى: بىرىنچىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يوق، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى يوق، گۇمانىي ئاغرىق مىسالى يوق بولۇش. ئىككىنچىسى، ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە، ئولتۇراق رايوندىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى مەنپىي چىققان بولۇش. ئۈچىنچىسى، ئولتۇراق رايوننىڭ باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان، مۇلازىمىتى ئەلا بولۇش.
    شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى پائال، پۇختا، ئىلمىي، تەرتىپلىك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى تەڭشەشكە بولىدىغان يۇقۇم كۆرۈلمىگەن ئولتۇراق رايونلارنىڭ دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئاساس سالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى