تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوتلاقلار ئوت-چۆپ ئورۇش پەسلىگە كىرىپ، چارۋىچىلار زاپاس يەم-خەشەك تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار قەيسەر بورنال، شى شياۋكۈن، تەن چۈندې، ۋاڭ يۇۋبو، خې لېۋىي خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا تەبىئىي ئوتلاقلاردىن ئوت-چۆپ ئورۇلىدىغان پەسىل، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىكى ئوتلاقلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئورما باشلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شەرتى ئاستىدا، چارۋىچىلار ئوت-چۆپ ئورۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، چارۋىلارنىڭ قىشىلىق يەم-خەشەك زاپىسىنى تەييارلىدى.

  8-ئاي كىرگەندىن كېيىن، ئىلى ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى مىليون مو يەردىكى ئەلا سۈپەتلىك تەبىئىي ئوت-چۆپنى ئورۇش خىزمىتى باشلىنىپ، ھەر قايسى يېزا-بازاردىكى ئوتلاقلاردا ئوت ئورۇش ماشىنىلىرى توختىماي گۈرۈلدەپ، ھاۋانى ئوت-چۆپنىڭ ھىدى قاپلىدى.

  موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېزا-بازارلارنىڭ تەبىئىي ئوتلاقلىرىدا، بەزى چارۋىچىلار ئورغاق بىلەن، بەزى چارۋىچىلار ئاپتوماتىك ئوت-چۆپ ئورۇش ماشىنىسى بىلەن ئوت ئورۇۋاتقانلىقىنى، ئوت-چۆپلەرنى باغلاش ماشىنىسىنىڭ ئالدىراش مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئوتلاقنىڭ ھەممىلا يېرىدە باغلام-باغلام چاسا ئوت-چۆپ دۆۋىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

بىر چارۋىچى ئوت ئورۇش ماشىنىسىنىڭ ئالدىن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلماقتا.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ناھىيە بويىچە تەبىئىي ئوتلاقلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىش، چارۋا بېقىشنى توختىتىش، چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەبىئىي ئوتلاقلارنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇردى، تولۇقلاپ تېرىپ سۈپەتنى ياخشىلاش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، تەبىئىي ئوتلاقلارنىڭ ئوت-چۆپ مىقدارىنى ئۆستۈردى.

  ھازىر موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە ئەسلىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئەلا سۈپەتلىك ئوتلاق كۆلىمى 8 مىليون موغا يېتىپ، ھەر خىل چارۋا 700 مىڭ تۇياقتىن ئاشتى. چارۋىلارنىڭ قىش ۋە ئەتىيازنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى يېزا-بازارلار يەم-خەشەك زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىمەكتە.

چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلماقتا.

  ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسى توستى يېزىسى بازار خۇل كەنتىدىكى چارۋىچى يېسبولاتنىڭ ئۆيىگە بىر توپ ياخشى ياردەمچى كەلدى. ئوت-چۆپ ئورۇشقا ئادەم يېتىشمىگەچكە، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى توستى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ ياردەملەشتى.

بولۇق ئوتلاقتىن بىر كۆرۈنۈش.

ئوت-چۆپ ئورۇش مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش.

  ئىلى ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى تاڭبۇلا يايلىقىدا، 10 مىڭ مو كۆلەمدىكى ئوتلاقتا ئوت-چۆپ ئورۇش خىزمىتى ئارقا-ئاقىدىن باشلاندى، چارۋىچىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، چارۋىلارنىڭ قىشلىق يەم-خەشەكلىرىنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئىگىلىنىشىچە، نىلقا ناھىيەسىدىكى 9 مىليون 800 مىڭ مو تەبىئىي ئوتلاق بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 3 مىليون 424 مىڭ 200 مو كۆلەمدىكى ئوتلاقتا ئوت ئورۇلغان، نۆۋەتتە ناھىيە بويىچە ئورۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان بولۇپ، پۈتكۈل ئوت-چۆپ ئورۇش پەسلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى