تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئاغرىقلار رايونىدىكى يۇقۇمغا قارشى جەڭ خاتىرىسى | قەلبىمدىكى تەلپۈنۈش كېسەلنى ساقايتىپ، ئاغرىقنى يوقىتىش

  شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى قان تازىلاش بۆلۈمىنىڭ سېستراسى نۇرئەخمەت مەمەت

  ۋاقتى: 8-ئاينىڭ 22-كۈنى

  ئورنى: ئۈرۈمچى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 4-بىنا 7-ئاغرىقلار رايونى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمى

  7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەتىگەندە، مەن ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈمىگە تەقسىملەنگەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ھەم ھاياجانلاندىم، ھەم خاتىرجەمسىزلەندىم. ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كېلىشتىن ئىلگىرى، مەن ئاساسلىقى قان تازىلاش جەھەتتىكى پەرۋىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىناتتىم، نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ پەرۋىشىگە تازا تونۇش ئەمەس ئىدىم. گەرچە داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان بولساممۇ، تازا ئىشەنچىم يوق ئىدى.

  تۇنجى كۈنىلا كېچىلىك ئىسمېنادا ئىشلىگەچكە، مەن ئاغرىقلار رايونىغا كىرىپ، ھەربىر ئاغرىقنىڭ ئەھۋالىنى تېزلىكتە ئېنىقلاپ چىقتىم. مۇدىر ۋە سېسترالار باشلىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەن ئاساستىن باشلاپ، ئاستا-ئاستا تونۇشتۇم. باشقا خىزمەتداشلارغا ئەگىشىپ ئۆگەندىم، كۆزەتتىم، بىر كېچە ئالدىراش ئىشلەش داۋامىدا، ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملىرىم قايتىدىن ئېسىمگە كەلدى.

  ئېغىر كېسەللەر رايونىدا، ئۇچرىشىدىغىنىمىز ئاساسلىقى ئېغىر كېسەل، خەتەرلىك ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرى ئىدى، بىز ھەر كۈنى دېگۈدەك ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشەتتۇق. بىر ئاغرىقنىڭ ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالاتتى، مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكە كۆزەتكەندىن كېيىن، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ قان شېكىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈردۈم، بەدەن تېمپېراتۇرىسى، بەلغەم يۈتۈشى قاتارلىقلارنى ئۆلچىدىم. گەرچە ئارىلىقتا ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى قايتىلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بەرداشلىق بەردى. 10 نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكىلىدىغاندا، كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا مەن ۋە خىزمەتداشلىرىمغا «رەھمەت» ئېيتتى، شۇ چاغدا مېنىڭ كۆزلىرىمدىنمۇ ياش ئەگىدى.

  مەن ھالىدىن خەۋەر ئالغان يەنە بىر ئاغرىق ئىلگىرى ھوشىدىن كەتكەندە، دۈم ياتقۇزۇپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ داۋالاشقا توغرا كەلدى، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى، ئۇزاق ۋاقىت دۈم ياتقاندا ئىچكى ئەزالىرىنىڭ بېسىلىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر ئىككى سائەتتىن ئاشقاندا بىر قېتىم ئۇنى ئۆرۈپ ئوڭدىسىغا بىر دەم ياتقۇزۇپ، يەنە داۋاملىق دۈم ياتقۇزۇپ قويدۇم، بۇ جەريانغا خېلىلا كۈچ كېتەتتى. مۇشۇ تەرىقىدە 10 كۈن ئەتراپىدا چىڭ تۇردۇم، ئاغرىق ئاخىر ھوشىغا كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، گەرچە ھازىر ئۇ يەنىلا گەپ قىلالمىسىمۇ، ئەمما ھەر قېتىم مېنى كۆرگەندە كۈلۈمسىرەيدۇ، بۇ كۈلۈمسىرەش ماڭا تېخىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

  ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ماڭا ئىلھام بولدى، مەنمۇ ئۇلارغا تىرىشىپ تەسەللىي بەردىم ۋە ئىشەنچ بەردىم. بىر قىسىم ئاغرىقلار دەسلەپ كەلگەندە گەپ قىلىشنى خالىمايتتى، ئەمما مەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ئىلاجىسىزلىقنى كۆرەلەيتتىم، بوش ۋاقتىم بولسىلا، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئاغرىقلارنىڭ ئادەتتىكى ئاغرىقلار رايونىغا يۆتكەلگەنلىكى ياكى دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىدەك خەۋەرلەرنى يەتكۈزدۈم. بۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىمۇ بارا-بارا ياخشىلىنىپ، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىپ، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىمۇ تېز بولاتتى.

  بىر تاغىمىز دەسلەپ كەلگەندە روھىي ھالىتى ياخشى ئەمەس، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ئىدى، دوختۇر-سېسترالار بىلەنمۇ پاراڭلاشمايتتى. ئۇنىڭ كەيپىياتى سەل ياخشى ۋاقىتلاردا، مەن توختىماي «گەپ تېپىپ» ئۇنىڭغا «يېقىنچىلىق» قىلدىم. تۇرمۇشتىمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەززىلىك تاماقلارنى يەتكۈزۈپ تۇردۇم، ھاجەتخانىغا يۆلەپ ئېلىپ چىقتىم. ئۇنىڭ قىزىتمىسى تامامەن يانغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئايلاندىم، ھەرىكەت ئىشلىدىم، ئۇنىڭ گەپلىرى بارا-بارا كۆپىيىشكە باشلىدى. مەن بىلەن تونۇشۇپ قالغاندىن كېيىن، پات-پات مېنى: «نۇر، يۈرە، ماڭا ئايلىنىشىپ بەر...» دەپ چاقىرىدىغان بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كىشى ئادەتتىكى ئاغرىقلار رايونىغا يۆتكىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىز ئۆزئارا ئالاقىلىشىش نومۇرىمىزنى قالدۇردۇق، ئۇ مېنى يۇقۇم ئاخىرلاشقاندا، چوقۇم ئۆيىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى. مەنمۇ ئۇنى خوتەنگە بېرىشكە تەكلىپ قىلدىم، مەن يەنىلا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئايلىنىمەن.

  ئاغرىقلار رايونىدا مېنىڭ ئەڭ كۆپ ئاڭلىغىنىم «سىلەر قەھرىمان، جاپا چەكتىڭلار! رەھمەت!» دېگەن سۆزلەر بولدى. ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ ئۇلارغا شۇنداق دېگۈم بار: بىز قەھرىمان ئەمەس، بىز پەقەت بىر تېببىي خىزمەتچى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدۇق. داشۆدە ئوقۇۋاتقاندا مەن كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە:«كەلگۈسىدە ئۆگەنگەنلىرىمنى ئاغرىقلارنىڭ كېسەل ئازابىنى يەڭگىللىتىش ۋە يوقىتىشقا ئىشلىتىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەنىدىم. پەرۋىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 10 يىلدىن بۇيان، مەن بۇ ئېتىقادىمدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدىم.

  تىيانشان تورى مۇخبىرى چىن جىنلى رەتلىگەن (سۈرەتلەرنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى