تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش پاختىچىلىق كەسىپ زەنجىرىگە سىڭىپ كىردى

شايار ناھىيەسىدە

ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش پاختىچىلىق كەسىپ زەنجىرىگە سىڭىپ كىردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ نۇرباغ يېزىسىدا چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كېۋەزلىكتە كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەشغۇلاتى قىلماقتا. (ليۇ يۈجۇ فوتوسى)

پاختا ئېچىلدى.

ھازىر دەل كېۋەز ئېتىز پەرۋىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى بولسىمۇ، شايار ناھىيەسى قايلور بازىرىنىڭ ئىتتىپاق كەنتى، نورۇز قۇم كەنتى قاتارلىق كەنتلىرىدىكى تۇتاش كەتكەن كېۋەزلىكلەردە، پاختىكارلارنىڭ ئېڭىشىپ ئەمگەك قىلىۋاتقان سىيماسى ئاز ئۇچرايتتى.

«ھازىر كېۋەز تېرىغاندا، سۇغارغاندا گۈرجەك ئىشلەتمەيمىز، پاختا تەرگەندە ئېڭىشمەيمىز، يەر تۈزلەش، يەر رەتلەش، تۈجۈپىلەپ تېرىش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا دورا چېچىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، پاختا يىغىش ماشىنىسىدا يىغىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياندا ئاساسەن ماشىنىلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مەشغۇلات قىلىنىدۇ» دېدى نورۇز قۇم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئالىم ئوسمان.

شايار كېۋەز كۆپ تېرىلىدىغان ناھىيە بولۇپ، بۇ يىل 1 مىليون 950 مىڭ مو كېۋەز تېرىلدى. شۇ جايدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق پاختىكار ئالىمغا ئوخشاش يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن ئەپكەش»نى كۆتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھاياتىي كۈچ قوشتى.

يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىش تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش

شايار ناھىيەسىنىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول بولۇپ، كېۋەز تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 200 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ.

ئەنئەنىۋى ئەندىزىگە تايانغاندا، كېۋەز تېرىش تەننەرخى بارغانسېرى ئېشىپ كەتتى. قانداق قىلغاندا پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش شايار ناھىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئىدى.

«2017 - يىلى، شايار ناھىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 500 مىڭ مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈر قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ تۈرنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە يېزا يەرلىرىنى تۈزەش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە ئالغا سىلجىتتى، ئىلگىرىكى كىچىك ئېتىزلارنى بىرلەشتۈرۈپ، 100 مودىن 300 موغىچە بولغان چوڭ سالا ئېتىزلارنى بەرپا قىلغاندىن كېيىن، يەرلەر پارچىلىنىش، تىجارەت تارقاق بولۇش، كەسىپكارلار كۆپ بولۇش، تەشكىللىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بىراقلا ھەل قىلىندى» دېدى شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى تاڭ يوۋلىن.

يەر ئوبوروتىدا، شايار ناھىيەسى «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ۋە «ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئەندىزىنى تېپىپ چىقىپ، يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش ئاساسىدا، دېھقان ئائىلىلىرىنى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشۇشقا يېتەكلىدى، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلار كىچىك كۆلەمدىكى يەر باشقۇرۇشتىن ئازاد بولۇپ، باشقا ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى.

يەر باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئۆزگەرتىلدى، ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلا سۈپەتلىك پاختا بايلىقى ۋە ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بار بولدى، شايار ناھىيەسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالىدىغان ئوندىن ئارتۇق كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، بۇ، پاختا توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياسىمىچىلىقى، سۇ تېجەش ئۈسكۈنىلىرى ياسىمىچىلىقى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، زامانىۋىلاشقان تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئەمگەك مۇلازىمەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، شايار ناھىيەسىنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسى تەدرىجىي نامايان بولدى.

«شىنجاڭ لىخۇا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى شايار ناھىيەسىدە تۆت شىركەت تەسىس قىلدى، يانداشتۇرۇلغانلىرىدىن توقۇمىچىلىق بۆلىكى، يېزا ئىگىلىك بۆلىكى، پاختىچىلىق بۆلىكى بار. ئالدىن تېرىش، ئارقىدىن يىپ ئېگىرىش ئارقىلىق، 1 مىليون مولۇق تېرىقچىلىق بازىسى ۋە يىلىغا 1 مىليون توننا ساپ پاختا ئىشلەپچىقىرىش، 1 مىليون ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇردى» دېدى شايار لىخۇا يېڭىلىق يارىتىش زامانىۋى يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ جېنشىن.

سۇ تېجەپ ئېكولوگىيەنى قوغداش تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

شايار ناھىيەسى نۇرباغ يېزىسى جېنشىڭ كەنتى كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لىن يۇڭگو بىر نەچچە كەنت ئاھالىسى بىلەن مۇنداق سۇ تېجەش ھېساباتى قىلدى: ئەسلىدە بىر مو كېۋەز تېرىشقا 600 كۇب مېتىر سۇ كېتەتتى، ھازىر ئىشلىتىدىغان سۇ 450 كۇب مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، پاختا ھوسۇلى ئاشتى، بىر مو يەردىن يەنە 40 يۈەن سۇ ھەققى تېجەپ قېلىندى.

مۇخبىر شايار ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىدىن مۇنداق بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتنى ئىگىلىدى: 2019 - يىلى، ئۆگەن دەرياسى سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ باشلاش ئومۇمىي مىقدارى 2017 - يىلىدىكىدىن 22 مىليون كۇب مېتىر ئازايغان، 2019 - يىلىدىكى چەكلىك نورمىدىن 30 مىليون كۇب مېتىر سۇ ئاز ئىشلىتىلگەن، زىرائەتلەرنىڭ تولۇق سۇغىرىلىش نىسبىتى تۈر يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى %75تىن %85كە كۆتۈرۈلگەن.

«تېجەپ قېلىنغان سۇ مىقدارى ئالدى بىلەن يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن سۈنئىي ئېكولوگىيە ئورمىنى ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسرالدى، نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئورمان ئومۇمىي كۆلىمى 5 مىليون 649 مىڭ 600 موغا، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %7.14كە يېتىپ، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %0.24 ئاشتى» دېدى شايار ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جېڭ ۋېي.

پاختىچىلىق كەسپىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئاقىللاشتۇرۇش ھەربىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈلسە، شايار ناھىيەسىنىڭ گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى بىر قەدەم ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

بۇ يىل گەرچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۈجۈپىلەپ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، پاختا تېرىش ماشىنىسى ئىزچىل ئېھتىياجنى قاندۇرالماي كەلدى، يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان سولياۋ يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋېلىش ماشىنىسىمۇ بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلاندى.

«ھەر مو كېۋەزلىكتە ئاز دېگەندە 20 كىلوگىرام سولياۋ يوپۇق قالدۇقى قېپقالىدۇ، ئادەم كۈچى ئارقىلىق سولياۋ يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋېلىشقا ۋاقىت ۋە كۈچ كېتىدۇ، يىغىۋېلىش نىسبىتى ئاران %60كە يېتىدۇ، ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋېلىش نىسبىتى %80تىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېۋەز غولىنى يانجىپ ئېتىزغا قايتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ يىل بىز سولياۋ يوپۇق قالدۇقى يىغىۋېلىش ماشىنىسىنىڭ سولياۋ يوپۇق ساندۇقىنى تېخىمۇ چوڭراق لايىھەلەپ، يىغىۋېلىش مەشغۇلات ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىمۇ بۇلتۇرقى 150تىن 600گە كۆپەيتتۇق» دېدى شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش باش قوماندانى، سېتىشقا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك دىرېكتورى جۇ چۈەنشېڭ.

پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۆپ مەنبەلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش

يېقىندا شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى قاشتوغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نىيازەم ئىمىن يېڭىدىن بىرنەچچە خىل ئۆي جاھازىسى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى سېتىۋېلىپ، ئۆيىنى تېخىمۇ چىرايلىق بېزەپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى پىلانلىدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى پۈتۈن كەنت بويىچە كېۋەز تېرىش ئەندىزىسى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، يەر ئوبوروتى ۋە ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى ئۈلۈش كىرىمگە ئىگە بولغانلىقتىن كەلگەن.

شايار ناھىيەلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ما باۋجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، شايار ناھىيەسىنىڭ يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا تەدرىجىي ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بۇ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتى بىلەن ناھايىتى زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق، كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش دېھقانلارنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇردى، نۇرغۇن دېھقان يەرلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ياكى كارخانىلارغا ئوبوروت قىلىپ بېرىپ، بىر تەرەپتىن يەردىن تەقسىملەپ بېرىلگەن پايدا ياكى ئوبوروت ھەققىنى ئالدى، بىرتەرەپتىن ھەمكارلىق كوپىراتىپى ياكى كارخانىلاردا ئىشلىدى، بەزى ياش دېھقانلار يەنە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق زىرائەت پەرۋىش قىلىش قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرىغا ئايلاندى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شايار ناھىيەسىدە كەڭ كۆلەمدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا، 500 مىڭ مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈر رايونىدىن جەمئىي 26 مىڭ 990 ئارتۇق ئەمگەك كۈچى قويۇپ بېرىلگەن، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۆتكەش، كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا يۆتكەش، 3 - كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولغان.

بۇ يىل شايار ناھىيەسى پاختىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى پاختىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەربىر ھالقىسىغا سىڭدۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز ئۆستۈرۈش - پەرۋىش قىلىش، پاختا پىششىقلاش، ئەلا سۈپەتلىك پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە رەختنى ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش

شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، ئاساسلىقى تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبى، يەكەن دەرياسى ئېقىن رايونى، تارىم دەرياسى ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئىككى قىرغىقى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى ئۈچ پاختا رايونىدىكى 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 37 ناھىيە، شەھەر، رايونغا جايلاشقان.

ئاپتونوم رايونىمىز پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 2022 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 37 مىليون مو ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇپ، پاختىنىڭ تۈجۈپىلەشتۈرۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتىنى %50تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈش؛ 2025 - يىلىغا بارغاندا، پاختىنىڭ تۈجۈپىلەشتۈرۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتىنى %60تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈش پىلانلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى