تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

419 شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى ھۆددە ئېلىنغان ئايروپىلان بىلەن مەكتەپكە قايتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر چې جيې خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 9دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، 124 ئوقۇغۇچى ئولتۇرغان جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ CZ2395 نۆۋەتچى ئايروپىلانى چۆچەكتىن جېڭجوۋغا قاراپ ئۇچتى، بۇ، ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە تۇنجى ھۆددە ئېلىنغان ئايروپىلان. شۇ كۈنى، يەنە 295 ئوقۇغۇچى ئايرىم - ئايرىم ھالدا چۆچەك ۋە ئالتايدىن شىئەنگە قاراپ ئۇچۇپ، مەكتەپكە قايتىش سەپىرىنى باشلىدى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماڭغان يولۇچىلارنىڭ سەپەر ئېھتىياجىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە كوللېكتىپ پۈتۈن يۈرۈشلۈك ئايروپىلان كەسپىنى ئېچىپ، ئۇچۇر توپلاش، ئىلتىماس تەرتىپى ھەمدە كاپالەت تەپسىلاتلىرى قاتارلىق جەھەتلەرگىچە بولغان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئالدىن ياخشى ئىشلىدى.

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئالتايدا تۇرۇشلۇق تىجارەت باشقارمىسى بېيتۈن شەھىرىدە ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان تەخمىنەن 500دەك ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە جىددىي قايتماقچى ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى. تىزىملىكتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى تۇرۇشلۇق ئۆلكە، شەھەرلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئادەم سانى ئەڭ كۆپ مەنزىلنىڭ شىئەن شەھىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇ جاي بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئالتاي - شىئەن بىۋاسىتە ئۇچۇش لىنىيەسى ئېچىشنى قارار قىلدى، ئوقۇغۇچىلار شىئەنگە بارغاندىن كېيىن، يەنە ئايروپىلان ئالمىشىش ياكى تۆمۈريول قاتنىشى شەكلى ئارقىلىق كېيىنكى مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تىجارەت باشقارمىسى شۇ جايدىكى ئايرودۇرۇم بىلەن ماسلىشىش ئارقىلىق، «شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس پوكىيى»نى تەسىس قىلىپ، مەكتەپكە قايتىشتىكى ئالاھىدە تېز مۇلازىمەت يېشىل يولى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەتنى ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ