تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇم تۈگىمىگۈچە، جەڭ كىيىمىنى سالمايمەن

يۈ كەيجياڭ:

يۇقۇم تۈگىمىگۈچە، جەڭ كىيىمىنى سالمايمەن

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، يۈ مېڭرەن

ئېغىر كېسەل، خەتەرلىك ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋاقىت بىلەن بەسلىشىدىغان بىر مەيدان مۇسابىقىگە ئوخشايدۇ. 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، يۈ كەيجياڭ يەنىلا ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU1 ئاغرىقلار رايونىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە ئاخىرغىچە چىڭ تۇرىمەن.

يۈ كەيجياڭ خاربىن تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى، ئۇ ئىلگىرى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولغان، دۆلەت بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۈرۈمچىگە قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن دۆلەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى 18 مۇتەخەسسىسنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن.

«ئالاھىدە مەزگىلدە، ئادەتتىكى مۇنتىزىم مەشغۇلاتمۇ خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قىيىن مەشغۇلات بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. يۇقۇم مەزگىلىدە خىزمەتنىڭ سىجىللىقى، قىيىنلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشتى.» ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، يۈ كەيجياڭ تېزلىكتە خىزمەت ھالىتىگە كىردى، ئىسسىقتا قات - قات مۇداپىئە كىيىمىدە ھېلىدىن - ھېلىغا تەرلەپ تۇراتتى.

ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە شىنجاڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قاتلامغا ئايرىپ داۋالاش، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىشتەك قۇتقۇزۇش - داۋالاش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېغىر كېسەل 1 - رايونى، 2 - رايونى، 3 - رايونى تەسىس قىلىپ، ئاغرىقلارنى ئىلمىي، دەل جايىدا داۋالىدى.

«ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى دوختۇر - سېسترالارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، 24 سائەت ئاغرىقلارنىڭ تېببىي ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى ئۇدا ھەرىكەتچان كۆزىتىش - ئۆلچەش، كۆپ قېتىم ئارتېرىيە قېنىدىكى گاز ئانالىزى قىلىش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئاغرىقنىڭ ئەڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ» دېدى يۈ كەيجياڭ.

يۈ كەيجياڭ دائىم ھەرقايسى پەن مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن كۆپ پەنلەر بويىچە بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ، ئاغرىقنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە كېسەللىك تارىخىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىدۇ. ICUدىكى ھەربىر سېكۇنت ھايات - مامات رىقابىتى؛ ھەربىر ئاغرىقنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قېلىشتىن سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگىچە بولغان ئەھۋالى يۈ كەيجياڭنىڭ ھەر ۋاقىت ئېسىدە.

«بۇ قېتىم قوبۇل قىلىپ داۋالىغان ئاغرىقلار ئىچىدە، ئەڭ چوڭى 92 ياش بولۇپ، چوڭ ياشلىق ئاغرىقلاردا كۆپ ھاللاردا ئاساس خاراكتېرلىك كېسەللەر قوشۇلغان بولىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى بۇ قېتىمقى ئاغرىقلاردا رايون ئالاھىدىلىكى بار، نۇرغۇن ئاغرىق سېمىزرەك بولۇپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا بەلگىلىك خىرىس ئېلىپ كەلدى.» يۈ كەيجياڭ مۇنداق دېدى: ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىدا ئاساس خاراكتېرلىك كېسەللەر كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، داۋالاش كوللېكتىپىمىز ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، «كۆپ خىل ئارمىيە تۈرىدىن تەشكىللەنگەن جىتۇەنجۈن» جەڭ قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ، ئەڭ كۈچلۈك داۋالاش كۈچلىرىنى توپلاپ، ھەر تەرەپلىمە ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزدى، داۋالىدى.

جەڭ مەيدانىغا قايتا چىققان يۈ كەيجياڭدا تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىش بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «<نۆللەشتۈرۈش> ئىشقا ئاشقان تەقدىردىمۇ، بىز ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك، <ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش> دوختۇرخانىلار دۇچ كەلگەن يېڭى تېما».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى