تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاغرىقلارنىڭ يۆلەنچۈكى

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى جىگەر - ئۆت تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سېستراسى فەن مېڭ:

ئاغرىقلارنىڭ يۆلەنچۈكى

ۋاقتى: 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى

ئورنى: ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 3 - ئاغرىقلار رايونى

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سەپداشلىرىم بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە ياردەم بېرىش سەپىرىگە ئاتلاندىم.

مەن بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ۋۇخەنگە ئاتلانغاندىكى ئەھۋاللارنى ئىختىيارسىز ئەسلەپ قالدىم. بۇ قېتىم يۇرتۇمنى قوغداش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم جەڭگە ئاتلاندىم، مەن ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايمەن.

ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىز ناھايىتى تېزلا جىددىي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتۇق. بۇ قېتىم بىز ئېغىر كېسەل كۆزىتىش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلدۇق، ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنى پەرۋىش قىلىش ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىر ئىدى. لېكىن ۋۇخەندىكى تەجرىبىمىز بولغاچقا، خىزمەتتە قىلچە تەمتىرەپ قالمىدۇق.

ئىسسىق ياز كۈنلىرىدە، ئايرىش كىيىمى كىيسە، بەدىنىمىز تەرلەپ سۇغا چۆمۈلۈپ كېتىدۇ، مۇداپىئە ماسكىسىدا دائىم دېمىمىز سىقىلىپ كېتىدۇ، پەلەي كىيىپ تەرلەپ قوللىرىمىزغا تەر تەمرەتكىسى چىقىپ كېتىدۇ... لېكىن ئېغىر كېسەل كۆزىتىش بۆلۈمىدە، ئائىلە تەۋەلىرى ھەمراھ بولمىغان، ھەرىكىتى قولايسىز ئاغرىقلارنىڭ تايىنىدىغىنى پەقەت بىزلا!

مەن ھالىدىن خەۋەر ئالغان بىر موماينىڭ دوختۇرخانىغا كىرگەندە كېسىلى ئېغىر ئىدى. ئۇ مېنى ياردەملىشىپ بىرنەچچە تېلېفون ئۇرۇپ بېرىشكە چاقىردى، مەن ئۇنىڭ قىزىغا تېلېفون ئۇرۇپ بەردىم، ئۇ كۈچسىز ئاۋازدا ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تاپشۇرۇشقا باشلىدى... شۇ ۋاقىتتا، مېنىڭ كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى، رەھىمسىز ۋىرۇس بەختلىك بىر ئائىلىنى خەۋپكە دۇچار قىلغانىدى. بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز شۇكى، كەسپىي تېخنىكىمىزغا تايىنىپ ھەربىر ئاغرىقنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ئۇلارنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىغا قايتۇرۇش. بەختكە يارىشا يېرىم ئاي پائال داۋالاش ئارقىلىق، موماي ئېغىر كېسەل رايونىدىن يېنىك كېسەل كېسەلخانىسىغا يۆتكەلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ بىر - بىرلەپ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، بىز تۆلىگەن بارلىق بەدەللىرىمىزنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. 2020 - يىلىدىكى ئەسلىمىلىرىم چوڭقۇر ھەم قىممەتلىك، مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بىز ھامان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز!

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى