تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

يۇقۇمغا قارشى جەڭدە دادا دېرىزىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ بالىلىرى بىلەن كۆرۈشتى: مەن يىغىلىسام بولمايدۇ، كۆز قوغداش ئەينىكىم ھوردىلىپ كەتسە خىزمەت قىلالمايمەن ...

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمېي خەۋىرى): «قاراڭ، دادىڭىز.» ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۈچ يېرىم ياشقا كىرگەن شى دۇڭچېن كىچىك ئورۇندۇققا چىقىپ پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن كۈچەپ دەسسەپ، بەدىنى بىلەن بېشىنى ئالدىغا سوزۇپ ئېڭىشتى . بۇ يىل 12 ياشقا كىرگەن ھەدىسى شى يىفەن ئاۋازنى ئاڭلاپ مېھمانخانا ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئىنىسىنىڭ كەينىگە كەلدى. بۇ ئىككى قېرىنداش قىستىلىشىپ دېرىزە ئالدىدا تۇرۇپ پەستىكى «ئاق كىيىملىك كىشى»گە قاراپ، بىر نەچچە سېكۇنت تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، ئوغلى «دادا» دەپ توۋلىدى.

شى جۇڭرۇي بىلەن ئوغلى دېرىزىدىن كۆرۈشمەكتە.

  ئوغلى «ئاق كىيىملىك كىشى»نى تونۇيالمىغىلى تاسلا قالدى، ئۇ ئاچا-ئىنى ئىككىيلەننىڭ دادىسى شى جۇڭرۈي بولۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى ئىشچى-خىزمەتچىلەر دوختۇرخانىسىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇر. بۈگۈنگە قەدەر، ئۇ «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلماقتا. شۇ كۈنى قىسقىغىنا بىر نەچچە مىنۇت دېرىزىدىن قارىشىپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن نوكلېئىك كىسلاتاسى يىغقىلى كەلگەن شى جۇڭرۇي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىر قېتىم قىسقا ۋاقىتلىق «جەم بولدى».

  «مەن بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭغا كەلگەن. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، خوتۇنۇم بالىلار ۋە ئاپامنى ئېلىپ شەندۇڭ ئۆلكىسى دېجوۋ شەھىرىدىن مېنى كۆرگىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدى، ئۇ چاغلاردا ئالدىراش ئىدىم، مەن ئۆيدىكىلەرگە بىكار بولغاندا ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ئايلىنىپ كېلىشكە ماقۇل بولغانىدىم.» 8-ئاينىڭ 20-كۈنى شى جۇڭرۇي تېلېفوندا مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  لېكىن شى جۇڭرۇي ۋەدىسىدە تۇرالمىدى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە ئەزاسى بولغان ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرىنچى سەپتە جەڭ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. «نوكلېئىك كىسلاتاسىنى يىغىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر ھەم ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت، پارتىيە ئەزاسى، دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم ئەڭ ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك» دېدى شى جۇڭرۇي.

  ھەر بىر ئولتۇراق رايوندا، كۈندۈزدىن تارتىپ كېچىگىچە، شى جۇڭرۇي نوكلېئىك كىسلاتاسى يىغىش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئەڭ ئالدىراش كۈنى، قوغدىنىش كىيىمى ۋە پەلەينى سېلىۋەتكەندە، ئۇنىڭ قولى تەردىن ئاقىرىپ، قورۇقتەك ئىزلار پەيدا بولۇپ كېتەتتى، ھىم مۇداپىئە كىيىمىنىڭ يېڭىنى بويلاپ ئاققان تەر يەرنى ھۆل قىلىۋېتەتتى.

پەلەينى سېلىۋەتكەندە، شى جۇڭرۇينىڭ قولى تەردىن ئاقىرىپ، قورۇقتەك ئىزلار پەيدا بولۇپ كەتكەن ئىدى.

  «مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمايمەن، بالىلارنى بەزلەش ئاسان، ئەمما خوتۇنۇم بىلەن ئاپام بۇ ھالىمنى كۆرسە چوقۇم يۈرىكى ئاغرىيدۇ» دېدى شى جۇڭرۇي.

  ئۆي بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئارىلىقى بىر كىلومېتىر كەلمەيدۇ، ئەمما بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شى جۇڭرۇي پەقەت بىر نەچچە قېتىم سىن ئارقىلىقلا ئۆيىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ھىم مۇداپىئە كىيىمىنىڭ يېڭىنى بويلاپ ئاققان تەرلەر يەرنى ھۆل قىلىۋەتتى.

  «ئۇ ھەر كۈنى شۇنداق ئالدىراش، كەچتە دوختۇرخانىغا قايتىپ بارغاندا يېرىم كېچە بولۇپ كېتىدۇ، بالىلار ئۇنى ساقلاپ بولالمايدۇ.» شى جۇڭرۇينىڭ خوتۇنى چېن ۋېيۋېي مۇنداق دېدى: «مەن ۋە ئاپام ئۇنىڭ خىزمىتىنى چۈشىنىمىز، بىز ئۇنى قوللايمىز».

  ئۇزۇن ۋاقىت دادىسى بىلەن كۆرۈشەلمىگەن بولسىمۇ، بالىلار ئىش ئۇقۇپ، يىغلىمىسىمۇ لېكىن كۆڭلىدىكى سېغىنىشىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى. دادىسى ئۆيدە يوق چاغدا، ئوغلى شى دۇڭچېن دادىسىنىڭ كىيىم-كېچەك، كىتاب، خىزمەت خاتىرە دەپتىرىنى بىر-بىرلەپ ئاختۇردى . قىزى شى يىفەن ئاپىسىنىڭ يان تېلېفونى جىرىڭلىسىلا: «داداممۇ؟» دەپ سورايدىغان بولدى.

  «بىر قېتىم مەن تاماق يەۋاتقاندا خوتۇنۇم بىلەن سىنلىق كۆرۈشتۈم، بالام مېنىڭ ياستۇقۇمنى ئېلىپ كامېرانىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ‹دادا، مەن شەندۇڭغا كېتىشتىن بۇرۇن سىزنى يەنە بىر قېتىم كۆرەلەمدىم؟› ئۇ چاغدا، ئاغزىمدىكى تاماق بوغۇزۇمغا قاپسىلىپ قالغاندەك بولۇپ، ھەر قانچە قىلىپمۇ يۇتالمىدىم» دېدى شى جۇڭرۇي.

   8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى بىر كۈنى شى جۇڭرۇي ئائىلىسىدىكىلەر تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايونغا بېرىپ نوكلېئىك كىسلاتاسى يىغىش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلەيدىغان بولدى. «ئائىلەمدىكىلەر سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولغاچقا، يېقىندا نوكلېئىك كسىلاتاسى ۋە قوش مۇداپىئە تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئېلىپ بارغان، شۇڭا ئۇلار تەكرار قىلمىسىمۇ بولىدۇ، بۇ مېنى باللىرىم بىلەن دېرىزىدىن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى شى جۇڭرۇي.

شى جۇڭرۇي بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سۈرىتى.

  دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، «ئاق كىيىملىك» دادا بىلەن ئۇنىڭ ئىككى بالىسى دېرىزىدىن كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشتى. «بالام توختىماي ‹دادا، دادا ...› دەپ توۋلاپ كەتتى، بىز پەقەت نەچچە مىنۇت كۆرۈشۈپلا مەن ئۇلاردىن ئايرىلدىم. چۈنكى بۇنىڭدا باشقا سەۋەبمۇ يوق بالىلىرىم دادا دەپ توۋلىغاندا يۈرىكىم ئېچىشىپ يىغلىۋەتكىلى ئاز قالدىم، لېكىن مەن يىغلىسام بولمايدۇ، كۆز قوغداش ئەينىكى ھوردىلىپ كەتسە خىزمەت قىلالمايمەن ...» دېدى شى جۇڭرۇي. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى