تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوختۇرلار بايرىمى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى −

قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوختۇرلار بايرىمى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەڭ نەتىجىلىرىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىرادىنى ساقلاپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز.

بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللەر دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 39 ياشلىق لياڭ ۋېي ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU3 ئاغرىقلار رايونىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالىدى. «بۇ يەر ئەڭ خەتەرلىك جاي، شۇنداقلا بىزگە ئەڭ ئېھتىياجلىق جاي. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاشتىكى قىيىن ئۆتكەلنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ، ھاياتلىقنى قوغدايمىز» دېدى لياڭ ۋېي.

قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرگە كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىش، ئەخلەتخانىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش... 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 7دە، خىزمەت ئۈستەل كالېندارىغا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى خاتىرىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئىتتىپاق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جۇڭچۈەن كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۈلباھار غوپۇر يەنە بىر كۈنلۈك ئالدىراشلىقىنى باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تېببىي خىزمەتچىلەر بىزدىنمۇ كۆپ جاپا تارتتى. بىز دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەپ، ئاسراپ، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز. كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ، شەھىرىمىزنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرەيلى».

شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) يىنچۈەن يولى تەۋەلىك رايونى چۈەنجوۋ كوچىسى مەھەللىسىدىكى پىدائىي شۈ فا دەرھال ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە تارقاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئارقىلىق ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، جاپادىن قورقماي، ئۆزۈمنى بېغىشلايمەن. مەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، كۆكتات، دورا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر بىلەن بىللە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرىمەن».

ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىغا ئىسرىق، جىددىي قۇتقۇزۇش دورا ساندۇقى، تەييار چۆپ قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئارقا سەپ كاپالىتى جەھەتتە ساقلانغان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس چېن جۇڭكۇەن مۇنداق بىلدۈردى: بىز بىرىنچى سەپتىكى دوختۇر - سېسترالار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر قاتارلىق شەرەپلەرنى باھالاشتا، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تاللاپ تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.

ئالتاي ۋىلايەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چيەن جىجياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پائال تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق دوختۇرخانىلار بىلەن زىچ داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نۇرغۇن مۇنەۋۋەر دوختۇر - سېسترا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ئىشىنىمەنكى، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭسەكلا، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە چوقۇم بىزگە مەنسۇپ بولىدۇ.

كوناشەھەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لىڭ زەيكۇن مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىي خىزمەتلىرىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ۋە يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى قەلبىمىزدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىپ، دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز».

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار يۈ مېڭرەن، يۈ شى، لياڭ لىخۇا، جاڭ تىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى