تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى كېڭىيىۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، قايتا كۆرۈلۈش خەۋپ - خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، سەللا بوشاڭلىق قىلىنسا ئەجىر يوققا چىقىشى مۇمكىن. ئىرادىنى ساقلاپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولغان زەربىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا، جەزمەن خەۋپ ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەشكە جۈرئەت قىلىپ، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئومۇميۈزلۈك قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۆرسەتكەن پايدىسىز تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، يۇقۇم سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، يۇقۇم سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نىشان يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى زورايتىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، تولۇپ تاشقان كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، تەشۋىق قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى