تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش ھاياتلىقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىق

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى سۇ لۇپىڭ، يۈ مېڭرەن، چاۋ جىن

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا دوختۇر - سېسترالار ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، جەڭچىگە ئوخشاش باتۇر، قەيسەر بولۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. ئاغرىقلار ئۇلارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتى، ئىشەنچكە تولغان كۆزلەر ئالدىدا، ئۇلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ھاياتلىقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمىدى.

ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپىنى ياخشى ساقلاش

8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، سەھەردىكى تۇنجى قۇياش نۇرىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چۈەن رۇڭشى يېڭى بىر كۈندىكى ياتاق تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 13تە، چۈەن رۇڭشى بۆلۈمدىكى ئوندىن ئارتۇق غوللۇق خادىمنى باشلاپ بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا ياردەمگە كەلدى. مۇھىت بىلەن تونۇشۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇلار 14 - ئاغرىقلار رايونىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، كارىۋاتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن دېزىنفېكسىيەلەش، ئايرىشقىچە بولغان خىزمەتلەرنى تېزلىكتە تاماملاپ، شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى.

كۈن چىقىشى بىلەن ئىشلەپ، كۈن پاتسىمۇ ئارام ئالمىدى، دائىم سەھەر سائەت 4 - 3لەردە، چۈەن رۇڭشى يەنىلا ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئەڭ ياخشى داۋالاش لايىھەسىنى تەڭشەيتتى.

بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ICU3 ئاغرىقلار رايونىنى تەشكىللەپ قۇردى، چۈەن رۇڭشى خەۋپ - خەتەر ئالدىدا، بۇيرۇققا بىنائەن شۆبە ئەترەتتىكى بىر قىسىم خادىملارنى باشلاپ ICU3 ئاغرىقلار رايونىغا يۆتكىلىپ جەڭ قىلدى. بۇ ئاغرىقلار رايونىدىكى دوختۇر - سېسترالار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەنىدى، ھەربىر ئاغرىقنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چۈەن رۇڭشى ھەربىر دوختۇر - سېستراغا سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، دۈم ياتقۇزۇپ نەپەسلەندۈرۈش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى پىششىق ئۆگەتتى.

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاغرىقلار رايونى بىر ياشانغان ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى، دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن نەپەس يولىغا نەيچە كىرگۈزۈپ، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى بىلەن قوشۇمچە نەپەسلەندۈردى. گەپ قىلالمىغان ئاغرىق چۈەن رۇڭشىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدى.

بۇ تۇتۇش ئاغرىقنىڭ ئۈمىدى، تېخىمۇ مۇھىمى ھاياتلىقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ئىدى. ھەر قېتىم ياتاق تەكشۈرگەندە، چۈەن رۇڭشى بوۋاينىڭ ئەھۋالىنى قايتا - قايتا باھالاپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش لايىھەسىنى بېكىتتى. دوختۇر - سېسترالارنىڭ ئىلمىي قۇتقۇزۇشى - داۋالىشى ۋە ئىنچىكە پەرۋىش قىلىشى بىلەن بوۋاينىڭ كېسىلى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، ئاخىردا نەيچە ئېلىۋېتىلىپ، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنى ئىشلەتمەيدىغان بولدى.

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بوۋاي ئادەتتىكى كېسەلخانىغا يۆتكىلىپ، داۋاملىق سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاندى. ئايرىلغان شۇ دەقىقىدە، بوۋاي ئۆزىنى ئۆلۈم ئاغزىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن بۇ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرگە ئىككى قولىنى جۈپلەپ رەھمىتىنى بىلدۈردى.

«ICU ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپى، بىز چوقۇم بۇ مۇداپىئە سېپىنى ياخشى ساقلايمىز» دېدى چۈەن رۇڭشى.

جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادى بىلەن جەڭ قىلىش

8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU3 ئاغرىقلار رايونى سىرتىدا، فەن مېڭ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئەخلەت يىغىش، بۇلغانغان مۇداپىئە كىيىملىرىنى ئوراش بىلەن ئالدىراش ئىدى...

خىزمەتداشلىرىنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن فەن مېڭ مۇداپىئە كىيىمىنىڭ تەردىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. «مۇداپىئە كىيىمى ھۆل بولۇپ كەتسىلا قوغداش رولىنى يوقىتىدۇ، بۇلغىمىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى بار.» فەن مېڭ جەڭ مەيدانىدىن چېكىندى.

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى يولغا چىقىپ بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كەلگەندىن باشلاپ، فەن مېڭ ICU3 ئاغرىقلار رايونىدا ئىزچىل چىڭ تۇردى، ئۇنىڭ ئىزچىل مۇنداق بىر ئېتىقادى بار: «غەلىبە قىلمىغۇچە ئۆيگە قايتمايمەن!»

بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن فەن مېڭ خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى جىگەر - ئۆت تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل سېستراسى، ئۇ 2 - ئايدا شىنجاڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ۋۇخەنگە بارغان، بىر مەيدان قاتتىق جەڭ ئۇنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە پىسخىكا ساپاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن. بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، فەن مېڭ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

«مەن كاندىدات پارتىيە ئەزاسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋۇخەندىكى جەڭ مەيدانىغا بارغان، تەجرىبەم بار. قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا، بىز شۇنچىكى ھەققانىيەت يولىدىن قايتماسلىقىمىز كېرەك» دېدى فەن مېڭ قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن.

فەن مېڭنىڭ ئېرى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى بولۇپ، ئىزچىل خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا سىن ئارقىلىق خوتۇنىغا مەدەت بەردى. «كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل ئالۋاستىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى فەن مېڭ.

ئۇششاق - چۈششەك ئىشلاردىن تەسىرلىنىش

8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي مەركىزىنىڭ نەپەسلەندۈرۈپ داۋالاش ئۇستىسى لاچىن دوغدۇربېك بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى.

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 1 - بىنا 4 - ئاغرىقلار رايونىغا كەلگەندىن بۇيان، 29 ياشلىق لاچىن ئىزچىل ناھايىتى ئالدىراش ئۆتتى.

نەپەسلەندۈرۈپ داۋالاش ئۇستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لاچىننىڭ خىزمىتى ئۇششاق - چۈششەك ھەم كۆپ ئىدى. «بىز ھەر كۈنى ئاغرىقلارنىڭ نەپەس يولىدىكى ئاجرالمىلار ۋە نەپىسى بىلەن ئۇچرىشىمىز.» لاچىننىڭ ئېيتىشىچە، نەپەسلەندۈرۈپ داۋالاش ئۇستىلىرى ھەركۈنى بەزى خەتىرى يۇقىرى مەشغۇلاتلارغا دۇچ كېلىدىكەن، لېكىن ئاغرىقلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ماسلىشىشى بىلەن ئۇ نۇرغۇن ئىللىقلىق ھېس قىلىپتۇ.

بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كېلىپ ئىككىنچى كۈنىلا، ئاغرىقلار رايونى بىر ياشانغان ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى، دوختۇر - سېسترالارنىڭ 20 نەچچە كۈن كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇشى - داۋالىشى بىلەن، بوۋاي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۇ خۇش خەۋەر ئاغرىقلار رايونىدىكى بارلىق دوختۇر - سېسترالار ۋە ئاغرىقلارنى ئىلھاملاندۇردى. 20 نەچچە كۈندىن بۇيان، بوۋايدىكى تولۇپ تاشقان ئاكتىپ كۈچ ئىزچىل تۈردە لاچىننى تەسىرلەندۈرۈپ كەلگەنىدى.

لاچىننىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە، لاچىن بىرىنچى قېتىم بوۋاينى كۆكرەك قىسمىنى CTغا سېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ كېسەلخانىغا كىرگەندە، بوۋاي «ئۇنىڭدا ئولتۇرۇپ نېمە قىلىمەن، مېڭىپ بارىمەن» دېگەنىدى.

«ھەر قېتىم كېسەلخانىغا كىرگەندە، بۇ بوۋاينى خۇددى ئۆز بوۋامدەك يېقىملىق ھېس قىلىمەن، ئۇ ھەرقانداق ئادەمگە كۈلۈمسىرەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئاكتىپ ئۈمىدۋارلىقى بىزنى ئىللىتتى، بىزگە ئىلھام بولدى.» لاچىننىڭ ئېيتىشىچە، ئاغرىقلار رايونىدىكى ئەڭ ئالدىراش بىر كۈنى، ئۇ 28 ئاغرىقنى CTغا چۈشۈرۈشكە ئىتتىرىپ ئېلىپ بېرىپتۇ، مۇداپىئە كىيىمى ئىچىدىكى كىيىملىرى ئاللىقاچان ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لاچىن بوۋاينى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاۋاتقاندا، بوۋاي ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا پارتىيەگە كىرگەندىكى ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنى داۋاملىق چىڭ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپتۇ.

ياشانغان ئاغرىقلارنىڭ ساقاللىرىنى ئېلىپ قويۇش، مەززىلىك تاماقلارنى ئاپىرىپ بېرىش، بىرنەچچە ئېغىز ئىللىق گەپ - سۆزلەرنى قىلىش... ئۇششاق - چۈششەك كىچىك ئىشلار كېسەلخانىنى ئىللىقلىققا تولدۇردى، لاچىن خىزمىتىنى تېخىمۇ قەدىرلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى