تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دوختۇر - سېسترالار ئۈچۈن مۇستەھكەم يۆلەنچۈك بولۇش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، شيې لۇڭ فوتوسى، خەۋىرى

8- ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا سەييارە داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى گاۋ خۇي(سولدا) دوختۇر - سېسترالار تۇرۇشلۇق جايدا مۇلازىمەت كاپالىتى ئالاقىچىسى بىلەن دورىلارنى سېلىشتۇرماقتا.

8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، سەييارە داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ سېستراسى رىزۋانگۈل ئۆمەر (ئوڭدا) دورىخانىدا سېلىشتۇرۇپ دورا ئالماقتا.

8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، سەييارە داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ سېستراسى رىزۋانگۈل ئۆمەر دوختۇر - سېسترالارغا دورا يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا سەييارە داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ سېستراسى رىزۋانگۈل ئۆمەر ئالدىنقى كۈنى رەتلەپ قويغان دورا تىزىملىكىنى ئېلىپ، دورىخانىغا كېلىپ، دورىلارنى بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ سەپلىگەندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق جايدىكى ھەرقايسى مېھمانسارايلارغا بېرىپ تەقسىملەپ تارقىتىپ بەردى.

«دوختۇر - سېسترالار ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن ئاغرىقلارنى تېخىمۇ ياخشى قۇتقۇزۇپ داۋالىيالايدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا سەييارە داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى گاۋ خۇي مۇنداق دېدى: 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، بېكىتىلگەن دوختۇرخانا سەييارە داۋالاش گۇرۇپپىسى قۇردى، ھەركۈنى تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇلازىمەت كاپالىتى ئالاقىچىلىرىنىڭ ھەممىسى دوختۇر - سېسترالارنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يىغىپ توپلايدۇ ۋە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدۇ، ئۇ بىرنەچچە خىزمەتدىشى بىلەن ھەركۈنى تېببىي خادىملارنىڭ دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا ھەم دورىلارنى ۋاقتىدا سەپلەپ تۇرۇشلۇق جايغا تارقىتىپ بېرىشكە مەسئۇل.

شۇ كۈنى، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش سەۋەبىدىن بېشى قايغان تېببىي خادىم چېن يى سەييارە داۋالاش گۇرۇپپىسى يەتكۈزۈپ بەرگەن پىننە سۈيى ۋە بۇلۇفېن خۇەنشى كاپسۇلىنىڭ ھەربىرىدىن بىرقاپ تاپشۇرۇۋالدى؛ غەيرەت مەمەت تۇيۇقسىز ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، سەييارە داۋالاش گۇرۇپپىسى يەتكۈزۈپ بەرگەن دىسمېزون ئوكۇل سۇيۇقلۇقىدىن بىرنى تاپشۇرۇۋالدى؛ ئەينىڭنىڭ بېلى ئاغرىغاچقا، داۋالاش گۇرۇپپىسى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىپار سۆڭەك چىڭىتىش مەلھىمىنى چاپلىۋالدى...

تېببىي خادىم گاۋ يەننىڭ يۇتقۇنچاق ياللۇغى قايتا قوزغالغاندا، جۇڭيى تېبابىتى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان گاۋ خۇي تۇرۇشلۇق جايدىكى مېھمانسارايدا ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، نەق مەيداندا رېتسېپ يېزىپ بەردى. «سىلەرنىڭ غەمخورلۇق قىلغىنىڭلارغا رەھمەت، شۇڭا بىزنىڭ يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىشقا كۈچىمىز بار.» گاۋ يەن «مۇستەھكەم يۆلەنچۈك» دېگەن سۆز بىلەن سەييارە داۋالاش گۇرۇپپىسىنى سۈپەتلىدى ھەم كېيىنكى نۇقتىغا بارىدىغان سەييارە داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىغا باش بارمىقىنى چىقاردى.

«تۇرۇشلۇق جايدىكى 24 مېھمانساراي ئېھتىياجلىق بولسىلا ۋاقتىدا داۋالاش يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، دورا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ» دېدى گاۋ خۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ